رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى


2004.09.08

رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى 8- سېنتەبىر كۈنى رۇسىيىگە قارشى چېچەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئارسلان مەشەدوۋ، شامىل باسايەۋ قاتارلىقلارنىڭ نەگە يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلەرنى 300 مىليون رۇبلى يەنى 10مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، ئۇچۇر بەرگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە دائىرلىرى بۇ ئىككى شەخسنى شىمالىي ئوسسېتىيىدىكى بېسلان مەكتىپىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچى دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمىغان چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوۋ بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېسلان مەكتىپىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، موسكۋا يەنىلا ئۇنى ۋە شامىل باسايەۋنى رۇسىيىدىكى كۆپ قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، كىشىلەرنى ئۇلارنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىشقا چاقىردى.

رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ رەھبىرى بالۇيېۋسكىي رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مىقيادا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، تېررورچىلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ، ئارسلان مەشەدوۋنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەخمەد زاكايېۋ ئىنكاس قايتۇرۇپ، بالۇيېۋسىكىينىڭ بۇ سۆزىنىڭ چەت`ئەللەردىكى چېچەن ھەرىكىتىگە نىسبەتەن چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن رۇسلارنىڭ بۇنداق خىلدىكى زەربە بېرىشلارنى ئاللىقاچان باشلىغانلىقىنى، سابىق چېچەن پرىزدېنتى يانداربىيېۋنىڭ ئۆلۈمىنىڭ رۇسىيە بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

چېچەن مەسىلىسىدە كىشىلەر دائىم كىم تېررورىست دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشقا ئادەتلەنگەن ئىدى.

موسكۋا تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئارسلان مەشەدوۋ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تېررورچى دەپ قارالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە غەرىپ دۆلەتلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئارسلان مەشەدوۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلماقتا. ئەمما، پۇتىن “بالىلارنى ئۆلتۈرگەنلەر بىلەن سۆھبەت قىلمايمەن” دېگەن ھەمدە ئارقىدىنلا مەشەدوۋنىڭ كاللىسى ئۈچۈن 10مىليون دوللار مۇكاپات سوممىسى بەلگىلەشكە رازى بولغان.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ ئۆز رەقىبلىرىنى تۇتۇشقا ياردەم بەرگەنلەرنى مۇكاپاتلاش سوممىسىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2001- يىلى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى قوماندانلىق شتابى شامىل باسايەۋنى ئۆلتۈرگەنلەرنى 1 مىليون دوللار بىلەن تەقدىرلەشنى بېكىتكەن.

2003-يىلى 15 مىليون رۇبلە بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانغان، شۇ يىلى 12- ئايدا موسكۋا پەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك ئورگىنى شامىل باسايەۋنىڭ كاللىسى ئۈچۈن 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئارىلىقتا بىر قانچە ئايلار ئۆتۈپ، شامىل باسايەۋنى ئۆلتۈرۈش مۇكاپاتى ئېلان قىلغان موسكۋاپەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزدېنتى ئەخمەد قادىروۋ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

شامىل باسايەۋ ئىلگىرىكى بىر قانچە قېتىملىق ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن مەشەدوۋ ئىزچىل ھالدا ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەلۋەتتە، موسكۋانىڭ رەقىبى ھېسابلانغان چېچەلەرمۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى چېچەن خەلقى ئۈستىدىن تېررورىزىملىق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە 30 نەچچە مىڭ نوپۇسلۇق مەزكۇر كىچىك شەھەر خەلقى قايغۇ –ئەلەملەر بىلەن قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنى دەپىنە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گۇۋاھچىلارنىڭ ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدىكى تۈرلۈك بايانلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنماقتا. رۇسىيە دائىرلىرى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى گۆرۈگە ئېلىنغان مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سىن ئالغۇ لېنتىسىنى رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە تارقاتقان . بۇنىڭدا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىغا توپلانغان بالىلار ۋە گۆرۈگە ئالغۇچى قوراللىق ئادەملەرنىڭ قىياپەتلىرى ئەينەن كۆرسىتىلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ سىن ئالغۇ لېنتىسىنى گۆرۈگە ئالغۇچى قوراللىق ئادەملەر ئۆزلىرى تارتقان ئىكەن.

بېسلان مەكتىپىدە بولغان ۋەقەلەر جۈملىدىن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىناغا ھۇجۇم قىلىش جەريانى ۋە باشقا ئەمەلىي ئەھۋاللار ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى فرانسىيىدىكى “ئازادلىق گېزىتى”دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ باشلىقى لىدىيا سالىئەۋانىڭ ئۆزىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك گۆرۈگە ئېلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانلىرىدۇر.ئۇ، مۇخبىرغا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ 1300 ئادەم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ 350 ئادەم ئېلان قىلغانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ؛ ۋەقەنىڭ بىرىنچى كۈنى، تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىنغانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ھەتتا بالىلارغا سۇ تارقىتىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان. كېيىن ئۇلار مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتكەن شۇنىڭدەك رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال چېچىنىيىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بېسلان پاجىئەسىدىن كېيىن، رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ چېچىنىيىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيىنىڭ "موسكۋا ئاۋازى" رادىئوسى "بالىلار ۋە ياشلار تېررورىزمغا ھەم ئەسەبىيلىككە قارشى" دەپ ئاتالغان خەيرىخانىلىق فوندىنىڭ رەھبىرى نىكولاي موسىنسېۋنىڭ سۆھبىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ ۋلادىمىر پۇتىن چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ چېچىنىيىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش شەرتىگە قوشۇلۇپ، چېچىنىيىگە ئاپتونومىيە بېرىشكە تەييار بولغان. پۇتىن بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار قويغان ھەرقانداق شەرتلەرگە قوشۇلۇش كېرەك دېگەن ئىكەن.

ئەمما، بۇنىڭ قانچىلىك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى تېخىچە جەزىملەشتۈرۈلمىگەن.

ۋەقەدىن كېيىن شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئالېكساندىر داسوخوۋ شىمالىي ئوسسېتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پات يېقىندا ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رۇسىيىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شاخماتچىسى گارري كاسپاروۋ ئامېرىكىدىكى "ۋال ستىرىت" ژۇرنىلىغا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېسلان ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ھادىسىلەر جۈملىدىن چېچەن مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، پرىزدېنت پۇتىنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. (ئۈمىدۋار)

3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى

5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

7- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ۋە پۇتىن

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.