ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى دەۋەت قىلماقتا
2004.09.09
رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بېسلان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېچەن توقۇنۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ چېچەن بۆلگۈنچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى رۇسىيىنىڭ تېرررورىزىمغا قارشى كۈرىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ" دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى چېچەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن ئۇچراشقانىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تەرەپ، 2002- يىلىغىچە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن چېچەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا قىسمەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان شۇنىڭدەك مەزكۇر ئادەملەرنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن باغلىنىشى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە رۇسىيىنى قوللىسىمۇ، لېكىن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلماسلىقىدەك مەيدانىغا قارشى پىكىردە ئىكەنلىكى، پەقەت سىياسىي سۆھبەت يولى ئارقىلىقلا كرىزىسنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى پۇتىننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتاج رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، بېسلان مەكتىپىدە قازاغا ئۇچرىغان، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق ئادەم ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە ھال سوراش دەپتىرىگە ئىمزا قويغان .
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ئېچىنىشىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن.
"توقۇنۇشتىكى رۇسىيە فېدېراتسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە تەرەپ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزدەيدۇ، پرىزدېنت پۇتىن كۆرسەتكەندەك بىزنىڭ چېچەن ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىمىز بىزنىڭ ئەشۇ رايوندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشىمىزنى تەمىن ئېتىدۇ. بۇ، بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بېسلاندىكى ۋەھشىي رەزىللىكنى جازالىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ"
كولېن پوۋېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا تەكشۈرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن؛
" پۈتۈن مەدەنىي دۇنيا بۇ رەزىل قىلمىشنى بولۇپمۇ، بالىلارنى ئۆلتۈرۇشنى ئەيىپلەيدۇ"
بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيىدىكى تېررورىزم مەسىلىسى جۈملىدىن چېچەن كرىزىسى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىنكاسلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا رۇسىيىنىڭ چېچەن كرىزىسىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشى دەۋەت قىلىنغان . دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ "مۇستەقىللىق" ۋە "قوغدىغۇچى" ناملىق گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە دۆلەت رەھبىرى پۇتىن ئۆزىنىڭ تېررورىستلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،
"سىلەر نېمىشقا ئوساما بىن لادېننى بريۇسسېلگە ياكى ئاقسارايغا سۆھبەتكە چاقىرىپ، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى بىجا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ سىلەرگە ئارام بېرىشىنى سورىمايسىلەر؟ دەپ مەسخىرە قىلغان.
رۇسىيە دائىرلىرى چارشەنبە كۈنى يەنە پۈتۈن خەلقئارا مىقيادا چېچەن مۇستەقىلچىلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك چېچەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئارسلان مەشەدوۋ ۋە شامىل باسايېۋلارنىڭ نەگە يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلەرنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، بىر قىسىم غەرىپ سىياسىيونلىرى چېچەن كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرى ئاساسىي يۈزلىنىشكە ئايلانغان. ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى، سابىق پرىزدېنت كارتېرنىڭ مەسىلىھەتچىسى بولغان زىبىگنېۋ برېجېنسكىي "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوخشاش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن؛
" ئالدى بىلەن ئېيتىش كېرەككى ،چېچەنلەر رۇس ئەمەس ھەم رۇس بولمايدۇ. مېنىڭچە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان سۇلھى يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىش مۇمكىن.چېچەنلەرگە زور دەرىجىدىكى ئۆزىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقى، مەسىلەن تاتارىستاندىنمۇ چوڭراق ھوقۇق بېرىش. ئۇلارغا مىللى كىملىك ھەم مەلۇم مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنى بېرىش كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ سەزگۈرلۈك، ئۆزىنى تۇتىۋەلىش ۋە ئاقىلانىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن كگب ئادەملىرى زور سالماقنى ئىگىلىگەن ھازىرقى رۇسىيە رەھبەرلىكىنىڭ مۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە ئەمەسىلىكىدىن قورقىمەن"
غەرب سىياسىيونلىرى ھەم ھۆكۈمەتلىرى چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئارقىلىق تېررورىزىمغا خاتىمە بېرىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتائو پرىزدېنت پۇتىنغا خەت ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ تېررورىزىمغا ،بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشتە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش يولىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە رۇسىيىنىڭ چېچەن كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. (ئۈمىدۋار)