0:00 / 0:00
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە 10 كۈن قالغاندا، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە، خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارغا تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.