د ئۇ ق: ئۇيغۇر "تېررورچىلىرى" پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىلىرىنى گۆرۆگە ئالماقچى بولغانلىقى ئويدۇرما

0:00 / 0:00

دوۋېي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق گۇرۇھى خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشنى پىلانلىغان. خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

پاكىستان گېزىتلىرىنىڭ 27 – چىسلادىكى خەۋىرىدە پاكىستان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، بۇ تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ قۇراللىق خادىملىرى ئافغانىستاننىڭ بىلالئاباد دېگەن يېرىدىن پاكىستان غا كىرىپ، خىتاي ئەلچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تۆت ئۆلكە ۋە مەركىزى شەھەرلەردىكى خىتاي تاشقى ئىشلار ۋەكىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن.

شاڭگاڭ شىڭداۋ گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يازغان خېتىدە خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامئابادتىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنى ۋە كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى پۈتۈن كۈن قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە ئىپادىلىنىشىچە، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى" نى 2002 – يىلى ب د ت ۋە ئامېرىكا، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورىست تەشكىلات دەپ ئەن`گە ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى مۇددىئاسى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، دەپ قارايدىكەن. بولۇپمۇ، ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى" تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ئويدۇرمىسى بولۇپ، نامەلۇم „شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى" نى باھانە قىلىپ، خىتايلار پاكىستاندا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھەقتە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.