مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەس
2006.09.06
11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى چەتئەللىك سودىگەرلەرنى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونغا باش قىلىپ بېكىتكەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 2 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "شىنجاڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جاي ئەمەس، شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرنى ياشاۋاتىدۇ" دېگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكتىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا تېررورچىلىق ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى، خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئوسامابىن لادىن بىلەن ئالاقىسى بار قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى. بىراق غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىنى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، توساتتىن ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاتاقلىق ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى درۇ گلادنى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل ئىسپاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكولىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ھۇجۇمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تېررورچى ياكى بۆلگۈنچى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ۋاڭ لېچۈەننىڭ قارىشىدا تۇيۇقسىز بىر ئۆزگۈرۈش مەيدانغا كېلىپ، "شىنجاڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جاي ئەمەس" دەيدۇ.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قىلىچ قانات ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي - قازاقىستان ھەربىي مانىۋېرى 2 - باسقۇچىغا كىردى
- "گېرمانىيە ئاۋازى" دا: "ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس!"
- د ئۇ ق نىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى خادىملىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىنكاسى
- كىم تررورىست؟
- خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قارشى قوللانماقچى
- خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە
- قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى