ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ب د ت نىڭ پامىر ۋەقەسىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى


2007.01.10

pamir-huangqiang-150-.jpg
5 – يانۋار كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلگەن خىتاي ساقچىسى خۇاڭچياڭنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا. AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي ساقچى خۇاڭ چياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دەپنە مۇراسىمىغا ئاز دېگەندە 2000 نەپەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت كادىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆلگۈچى ھەققىدە كەڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خۇاڭ چياڭغا قەھرىمان، دەپ نام بەردى شۇنداقلا ئۇنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، دەپ تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پاكىتلىرى ئېلان قىلىنمىغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چارشەنبە كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن 21 ياشتىكى خۇاڭ چياڭ خىتاي ساقچى قىسىملىرى پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈش ۋە 17 كىشىنى ئەسىر ئېلىش ئوپىراتسىيىسىدە ئۆلگەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى مەلۇم بىر جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ۋەقە يۈز بەرگەن جاي، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ۋە ئەسىر ئېلىنغانلارنىڭ ئىسىم - شەرىپى شۇنداقلا يۇرتىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بولسا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە دائىر بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمدىكى سۈرەتلەر ئىشلىتىلگەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بولسا ۋەقەنىڭ چېگرا سىرتىدىكى "خەلقئارا تېررورچىلار" بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى شۇنداقلا تېرورىزىمغا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رابىيە خانىم ب د ت نى بۇ ۋەقە ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتى خىتايلار ئارىسىدا تېزلا جامائەت پىكىرى تەييارلاش رولىنى ئوينىدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت تورى Sina. com نىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى پىكىر قاتناشتۇرغۇچى خىتايلارنىڭ كۆپ قىسىمى خىتاي دائىرىنىڭ پامىردىكى ھەرىكىتىنى قوللىماقتا. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرىنى ۋەيران قىلىش ۋەقەسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى بايانلىرىغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتتا، ب د ت نى بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا چاقىردى. باياناتتا "ئەگەر خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مەسئۇلىيەتكار ئەزاسى بولسا، ئۇلار بايان قىلغان بۇ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يول قويۇش كېرەك" شۇنداقلا "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا ئوخشاش مۇستەقىل بىر كومىتېت تەرىپىدىن ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇق ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشىنى چاقىرىمىز" دەيدۇ.

گۇمانىي قاراشلار

باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم 2003 - يىلى پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۈ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى پۈتۈنلەي توختىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پامىردىكى لاگىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى 2002 - يىلى ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىۋاتىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋەقەنىڭ پامىر رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەقە يۈز بەرگەن كونكرېت جاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى، ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر ئايدىڭلاشمىغان شۇنداقلا كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان مەسىلىلەر بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى يوشۇرۇن تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پامىر رايونىدىكى يەرلىك پۇقرالار رادىئومىزغا ساقچىلارنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى كوسراپ يېزىسى ئەتراپىدا چازا قۇرۇپ، كىملىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار ئوپېراتسىيىدە 22 دانە بومبا، 1500 دانە يېرىم ياسالغان پارتلاتقۇچ بومبا ۋە بىر دانا تاپانچىنى قولغا چۈشۈرگەن. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئوپىراتسىيىدە ساقچىلار بىلەن ئېتىشقان ۋە بۇ جەرياندا ئۆلتۈرۈلگەن 18 كىشى بىلەن 17 نەپەر ئەسىرنىڭ قورالى نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالمىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلماقتا. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋاڭ لېچۈەنگە نارازى خىتايلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى بۇراش رولىنى ئوينىماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لاگىرغا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئازادلىق ئارمىيە ياكى قوراللىق ساقچىلار ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ساقچىلار ئېلىپ باردى. ۋەقەدە ئۆلگەن خۇاڭ چياڭ ئىسىملىك خىتاي ساقچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 16 - باشقارمىسىنىڭ خادىمى ئىكەن. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتتا، "شىنجاڭدا ساقچىلار ۋەيران قىلغان تەلىم- تەربىيە لاگىرى تېررورچى تەشكىلات 'شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى' گە تەۋە " دەپ تەكىتلىگەن. "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسى بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىدە "خىتاي كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمىغا ئۆتتى "دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.