خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى(1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 8‏- دېكابىر كۈنى پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 تېررور گۇماندارىنى ئۆلتۈرۈپ 17 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ۋەقەنىڭ قانداق ۋە قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگەنلەر ۋە تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىغا گۇمان بىلەن قارىشىغا ھەمدە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش شەكلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى دۇنياغا ئېلان قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىدى ھەققىدە مەتبۇئاتدا تۈرلۈك سۇئاللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولماقتا.

خىتاينىڭ مەقسىتى مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش

ئاتاقلىق بىر تەتقىقات مەركىزى بولغان ستراتفورد تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ھەمدە ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي ساقچىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك دەپنە مۇراسىمىنى مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەمدە خەلقئارا سەھنىدە بەزى مەقسەتلەرگە يەتمەكچى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا بىر كۆمۈر كاننىمۇ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە ئالاھىدە دىققەت تارتىلغان مۇلاھىزىدە، كۆمۈر كان ئىشلىتىش بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، كان ئىشلىتىش ئۈچۈن پارتلاتقۇچ دورىسى ساقلاش جىنايەت ھېسابلانمايدۇ، دېيىلگەن.

ۋەقەنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت تارتىلغان مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر ۋەقەدىن پەقەت رابىيە قادىرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بىر تەھدىت ئەمەس، تېررورغا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى كۆرستىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىشى مۇمكىن.

خىتاي دائىرىلىرى تېررورىزىمنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا

مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى تېررورچىلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يولى ئۈستىدىكى پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن بىر جايدا ھەربىي بازا قۇرغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خىتايدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە نارازىلىقلاردىن باشقا بىر مەسىلىگە بۇراشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئاندرىياس لاندۋەر تەرىپىدىن پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئامېرىكىلىق خىتاي مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور درۇ گلادنىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىدى، دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا -قايتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەبلىرىگە قارىماي، باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلغانلىقى، ب د ت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈشتە قىلغان خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ئىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش بازىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرى ئىكەنلىكىگىمۇ گۇمان بىلەن قاراش كېرەك ئىكەن. (قانات)