گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئاندرىياس لاندۋەر تەرىپىدىن پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئامېرىكىلىق پروفېسسور درۇ گلادنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تىرىك قولغا چۈشكەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى، قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن درۇ گلادنى "ۋەقەدە تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنىڭ ئىقرارلىرىغىمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك. چۈنكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم"، دېگەن.
ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى توقۇنۇش ھەققىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمەي، 8- يانۋار كۈنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پامىر تاغلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى دۇنياغا بىر تېررور لاگىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاتالمىش تېررورچىئىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقىنى، خەلقئارا ھوقۇق ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت دەپ ئاقلىغانلىقى، تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور لاگىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت تارتىلغان ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە توغرىسدىكى خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
10- يانۋار كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جۇرناللارنىڭ بىرى ھېسابلانغان The Times يەنى ۋاقىت ژورنىلىدا جېن ماكارتنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور لاگىرىنىڭ قايسى جايدا بايقالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ، خىتاينىڭ ۋەقە توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە گۇمان بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پامىر تاغلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇشى ناھايىتى قىيىن ئىكەن، دېيىلگەن.
ماقالىدە، بىر غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنىڭ، بۇ ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمىپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئالدىدا پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن دېگەنلىكى، ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتسى گېزىتىدە، خىتاينىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بىر ھەربىي لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 18 تېررور گۇماندارىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى توغرىسىدا ماۋ رىنفەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى بۈگۈن ۋە كېلەچەكتە خىتاي ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ كۆرسەتكەنلىكى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ شىنجاڭدا 260 دىن كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 160 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرۈپ 440 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دىپلىئوماتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋەقەلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررورچىلىقتىن ئەمەس، ئۆز - ئارا زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)