خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش ئارقىلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى تەدبىر ئاقلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر قانۇن لاھىيىسى تېخى خىتاي دۆلەت كابىنتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا تاپشۇرۇلمىغان، بەلكى ھازىرچە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈش باسقۇچىدا بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى قانۇن لاھىيىسىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىۋاتقان قايسى تەھدىتكە قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
خىتاي نىمە ئۈچۈن تېرورىزىمغا قارشى قانۇن چىقارماقچى بولدى ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى دېكابىر ئېيىدا يەنى ئامېرىكىدا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 ئايدىن كېيىن، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈپ، 10 خىلدىن ئارتۇق جىنايى قىلمىشنى" قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تېرورلۇق جىنايەتلەر" تۈرىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ قېتىم تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا مەخسۇس قانۇن چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ ۋە قانۇن تۈزۈش خىزمىتىنى خىتاي قانۇن جەمئىيىتى بېجىرمەكتە.
خىتايدا ئېنگلىزچە چىقىدىغان "جۇڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي قانۇن جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى چىڭلىن، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش قارارى" دۇنيا بويىچە تېرورچى كۈچلەر كۈچىيىپ، جۇڭگونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۆلەتلەرگە جىددى تەھدىت سېلىۋاتقان ئەھۋالدا" چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"خىتاي تېرورىزىمغا قارشى قانۇن چىقىرىشقا ناھايىتى ئاكتىپ"
خىتاي قانۇن جەمئىيىتى قارمىقىدىكى جىنايى قانۇنى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ بىڭجى، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنى باستۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جاۋ بىڭجى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىشتا ناھايىتى ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇ "جۇڭگو گېزىتى"گە بەرگەن مەزكۇر قانۇن ھەققىدىكى باياناتىدا "جۇڭگو تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇن رامكىسى تۈزۈشكە ناھايىتى ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. دائىرىلەر تېرورىزىمغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بۇ قانۇننى ئالدىراش تۈزمەكتە،"دەيدۇ. "جۇڭگو گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇننى ئالدىراش تۈزۈشىدە قايسى جەھەتتىكى ئىچكى ۋە تاشقىي تەھدىتنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر قانۇننىڭ مەزمۇنىغا دائىر تەپسىلى ئەھۋاللار ۋە قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى تىلغا ئالمىدى.
تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ قاراتمىلىقى بار
ئامېرىكا كرىستيان ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋۇكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ روشەن دەرىجىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىقى بار.
بىز مەزكۇر قانۇن لاھىيىسىنىڭ قاچان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە خىتاي قانۇن جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. "جۇڭگو گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش پىلانىدا، مەزكۇر قانۇن بۇ ئورگاننىڭ كېلەر يىلى باشلىنىدىغان كېيىنكى بەش يىللىق پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.
2001 - يىلدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەر كەينى - كەينىدىن تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىپ، شۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە زور ھوقۇقلارنى بەرگەن، لېكىن بۇ پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
قانۇن پۇقرالار ھوقۇقىغا پايدىسىز
خىتاي قانۇن جەمئىيىتىدىكى جاۋ بىڭجى، 30 - ماي كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان يەر شارى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىكى قانۇن مەسىلىلەر، دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان تېررورىزم ۋەزىيىتى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلارنىڭ قانۇن لاھىيىسىدە ئەكس - ئېتىدىغانلىقىنى ئۇرغۇلىغان. لېكىن نۇرى تۈركەل، بۇ قانۇننىڭ پۇقرالار ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي قانۇن جەمئىيىتىدىكى جاۋ بىڭجى ياكى لى چىڭلىنلار، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى - تاشقىي تەھدىتلەر ۋە ئاتالمىش تېررورىزم ۋەزىيىتىنى كىملەر شۇنداقلا قايسى تەشكىلاتلار پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن " جۇڭگو گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قۇرغان بىر لاگېرغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە17 كىشىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى يازدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دىپلوماتلارنىڭ خىتاينى تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، تىنچلىقپەرۋەر مۇستەقىلچى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بەرمەكتە، دەپ ئەيىپلەۋاتقانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى ئەل- قائىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تېررورىزم بىلەن ئەيىپلەنگۈچىلەرگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلەمدۇ ؟
نۇرى تۈركەل، ئەگەر خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۈت ئەدلىيە سېستىمىسدا بۇ قانۇن ماقۇللانسا، تېررورىزم بىلەن ئەيىپلەنگۈچىلەرنىڭ ئادىلانە سوتلىنىشىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ب د ت 2002 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئاتالمىش " تېرورچى" تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى "تېرورچى،" دەپ ئاتىماقتا.
" جۇڭگو گېزىتى،" شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ 1990 - يىلدىن 2001 - يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە چەتئەلدە 162 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 440 يارىلىنىشىغا جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى يازدى. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە دىپلوماتلارنىڭ بۇ ۋەقەلەر مۇستەقىلچى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن پارتلاش ھەم ھۆكۈمەتكە قارشى ۋەقەلەرنى كىچىك گۇرۇھلار ياكى شەخسلەر پەيدا قىلغان ئايرىم ئەھۋاللار بولۇپ، تەشكىللىك ھەرىكەت ئەمەس، دەپ ھىساپلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)