0:00 / 0:00
يېقىندا شىۋېتسىيىدە چىقىدىغان Eskilstuna -Kuriren گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن 5 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ 5 - ماقالىسىدا " بېيجىڭ تەرىپىدىن تېررورچى تامغىسى ئۇرۇلغانلار " نى ئېلان قىلدى.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ دولقۇن ئەيسا ، بەختىيار شەمشىدىن ھەمدە قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن نەق مەيدان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.