گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرى - تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە سەپداش
2006.08.29

"گېرمانىيە ئاۋازى" رادىئوسىدا 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئېلان قىلىنغان "گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرى - تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە سەپداش" ناملىق خەۋىرىدە، گېرمانىيىدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەيدانىدا، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، گېرمانىيىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ۋە كۆچمەنلەر تەشكىلاتىدىن بولۇپ، 16 چوڭ تەشكىلات مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيىدىكى تېررورچى كۈچلەرنىڭ يولۇچىلار پويىزىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلام روھىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
يېڭىدىن قوزغالغان كونا مۇنازىرە
ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، گېرمانىيىدە يولۇچىلار پويىزىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر لىۋانلىق تېررورىست قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقە گېرمانىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا ئېغىر ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلغان ۋە پۈتۈن مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 8 – ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 22:15 مىنۇت ئۆتكەندە ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى "بومبا قويغۇچىلار بىز بىلەن بىللە: بىز تېررور بىلەن بىرگە ياشامدۇق؟" دېگەن تېمىدا نەق مەيدان سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلارنىڭ زادى نېمە زىددىيىتى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇنازىرىسى قوزغىدى. بۇ مۇنازىرىگە ئەدلىيە مىنىستىرى Brigitte Zypries، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى Volker Bouffier، گېرمانىيە ئىسلام كېڭىشىنىڭ رەئىسى Ali Kizilkaya، گېرمانىيە فېدېرال جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Klaus Jansen ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى Cem Özdemir قاتارلىقلار قاتنىشىپ، تېررورىستىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورىست ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تېرىشتى.
ئامېرىكىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىنى پارتلىتىپ، "11 – سېنتەبىر ۋەقەسى" نى پەيدا قىلغان مۇھەممەد ئاتانىڭ ئەسلىدە گېرمانىيە ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، 10 يىلدىن بۇيان گېرمانىيىدىن نۇرغۇنلىغان تېررورىستلارنىڭ چىقىشى ۋە قولغا ئېلىنىشى، يېقىندا يەنە يولۇچىلار پويىزىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق ھادىسىلەر، گېرمانىيىلىكلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغان.
گېرمانىيە جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Klaus Jansen نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرمۇ گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەنە مىڭلىغان ئىسلام رادىكاللىرى مەۋجۇد ئىكەن.
گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر مەيداندا
مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، گېرمانىيىدىكى 16 چوڭ ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، تېررورغا قارشى دەل ۋاقتىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشى، ھەم گېرمانىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن، ھەم گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر تەسەللى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ، تېررورىزىمنى ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىيان دىنىنىڭ ئېتىقاد كۈرىشى، دەپ تونۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەر، بۇ باياناتتىن كۆپ خۇرسەن بولۇشقان. بۇ بايانات 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىكى گېرمانىيە گېزىتلىرىدە مۇھىم تېما سۈپىتىدە بەس – بەستە ئورۇن ئىگىلىدى.
باياناتتا "مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ تېررولۇق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، مەسچىتلەردە رادىكال دىنىي ئېقىملارنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە يول قويمايدىغانلىقى ۋە بۇ خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ رەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا، تېررورغا قارشى كۈرەشتە، گېرمانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقى ئىزاھلانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنىڭ تېررور بىلەن مۇناسىۋىتى يوق
"گېرمانىيە ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خىتايچە قانىلى، مەزكۇر بايانات ھەققىدىكى ئىنتېرنېت خەۋەر بېتىدە، نامازدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۈرىتىنى قوشۇپ بەرگەن.
د ئۇ ق مەدەنىيەت – مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، "ئالىپتېكىن تەلىم – تەربىيە مەركىزى" نىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئەپەندى بۇ بايانات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"تېررور بىلەن ئىسلامنىڭ ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئىسلام دىنى تېررورچى تەشۋىق قىلىدىغان دىن ئەمەس. پەيغەمبېرىمىزمۇ 'بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش - پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش' دېگەن. ئەمما ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە. ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېررور بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئۇيغۇرىستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بىر زېمىن. خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرىستاندا قورال كۈچى بىلەن يۈرگۈزىلىۋاتقان دۆلەت تېررورىغا قارشى ھەرىكەتلەر تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ئۆز ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانى كۈرىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى خەلقئارا تېررورغا باغلاشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى بىلەن، چەت`ئەللەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق". (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ستاتىستىكا: مۇسۇلمان ئاياللىرى ئىسلام دىنىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشنى خالايدۇ
- تۈركىيىدە خەلقئارا مۇسۇلمان خەلقلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
- ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانان مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان كارتونلارنى بېشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقالار يىغىنى ئاياقلاشتى
- زامانىمىزدا تېررورچىلىق بىلەن قوراللىق توقۇنۇش - بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟
- ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى تېررورچىلىققا قارشى پەتىۋا چىقاردى