خىتاي كومپارتىيىسى ئۆز پارتىيە ئەزالىرىنى سابىق سوۋىت ئىتىپاقىدىن ساۋاق ئېلىشقا ئۈندىمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىتايدىكى ھەرقايسى دەرىجىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن "سابىق سوۋىت ھاكىمىيىتى قانداق ئاغدۇرۇلغان" دېگەن مەزمۇندىكى تەربىيىۋى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. مەزكۇر فىلىم جەمى 8 قىسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا سابىق سوۋىت كومپارتىيىسىنىڭ تارىخى، نەزەرىيىسى، يېتەكچى ئىدىيىسى، ئىستىلى ۋە پرىنسىپى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىرلاشقان. مەزكۇر مەسىلە تۈپەيلىدىن، خەلقنىڭ نارازىلىقىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن. شۇڭا پارتىيە ئىچىدىكى بۇ خىل چىرىكلىكنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، كومپارتىيە ئىنتىزام كومىتېتى سابىق سوۋىت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقىغا 15 يىل بولغان بۇ پەيتتە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ مەزكۇر تەربىيىۋى فىلىمنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە پارتىيە ئىچىدە، چىرىكلىككە قارشىلىق بىلدۈرۈپ پارتىيىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان قارارى ھەققىدە ئانالىزچىلار تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان مەشھۇر ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى "ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر پارتىيە ئىچىدىن كېلىدىغان خەتەر. 89 ‏- يىلىدىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك ۋە مەنسەپخورلۇق مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا چوڭ بىر تەھدىت بولۇپ قالدى. خىتاي كومپارتىيىسى پارتىيە ئىچىدىكى بۇ خىل تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇلار مەزكۇر قارارنى چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى ئەپەندى "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزكۇر پارتىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس"، دەپ تەكىتلىدى ۋە سابىق سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە "رۇسىيىنىڭ تۈنۈگۈنى خىتاينىڭ بۈگۈنى" بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مېھرىبان)