8-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرلىرى پامىر تاغلىق رايۇنىدا ئاتالمىش شەرقىي تۇركىستان تېررورچىلىرىنىڭ مەشىق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 تېررورچىنى ئۆلتۈرۈپ 17 تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەنلىگىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا بۇ ۋەقە ھەققىدە ھەر خىل گۇمانىي كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۋاتقانلىغى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىغىغا قارىماي، خىتاي دائىرلىرى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سەلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق سىياسى پائالىيەتلىرىنى خەلقئاراغا تېررورىزم قىلمىشى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە كۆتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ.
10-12- يانۋار كۈنلىرى ھوڭ كوڭ "سۇمرۇغ" تېلېۋىزىيىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلغان پروگراممىسىدا پامىر ۋەقەسى ھەققىدە كەڭ ھەجىملىك خەۋەر ئانالىزى بېرىلگەن. "سۇمرۇغ" تېلۋىزىيە قانىلى نۆۋەتتە خەلقئاراغا تارقىتىلىدىغان خىتاي تىلىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تېلۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەسلى بۇ قانال 1997 –يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن تامامەن تەرەپسىز، مۇستەقىل بىر ئاخبارات ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، 1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بىتەرەپلىك مەيدانىنى يوقىتىپ، بارا-بارا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشقا باشلىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى تەسىرى يەنىلا خېلى زور ئىكەن.
"سۇمرۇغ" تېلېۋىزىيىسىنىڭ كۆرسىتىشلىرىگە ئۇزۇندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، غالىپ ئەپەندى "سۇمرۇغ" تېلېۋىزىيىسى ۋە "سۇمرۇغ" تېلېۋىزىيىسىنىڭ پامىر ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن پروگراممىسى ھەققىدە توختالدى.