تەشۋىقاتنىڭ رولى ھەققىدە

ئەجدادلىرىمىز "ئادەم قۇلاقتىن، ھايۋان تۇياقتىن" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. قۇرئاندىمۇ ئاڭلاش بىلەن كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر بايانلاردا ئاڭلاشنى كۆرۈشنىڭ ئالدىغا قويغان. ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرۈش ئىقتىدارىدىن ئىلگىرى ئاڭلاش ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.06.14

دېمەك: ئاڭلاش ئىنسان ۋۇجۇدىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردىندۇر. شۇڭا ھەرقانداق دۆلەت ۋە ئورگان تەشۋىقاتنى ئىزچىل قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ قارىشىچە: بۈگۈنگە قەدەر تەشۋىقاتنىڭ رولى ھەققىدە ئاز بولمىغان يازمىلار ۋە پىكىرلەر بولۇپ ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، ئەينەك بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان "تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدا" ناملىق ماقالىنى بۇ تېمىدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل چىققان ماقالە دېيىشكە بولىدىكەن.

‏-- سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر گۇرۇھنىڭ، تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى مۇجىمەل تونۇشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا، تەكرار تەكىتلەشكە مەجبۇرىيەت ھېس قىلدىم،‏-- دەپ باشلانغان بۇ ماقالە، تەشۋىقاتنىڭ تۈرى، خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە ۋە دەلىللىك ئەقلى تەپەككۇر بىلەن يورۇتۇلغان بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ تەشۋىقاتتىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىنى، ئورۇن، ۋاقىت ۋە دەۋر شارائىتىغا قاراپ قانداق تەڭشەك ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ناھايىتى سىستېمىلىق بايان قىلغان.
    
ئاپتور ئاشكارا تەشۋىقاتنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقات ۋە دەۋر خاراكتېرلىك تەشۋىقات دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ھەر بىرىنى داڭلىق شەخسلەرنىڭ نەقىللىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ يورۇتقان بولۇپ، چۈشىنىشلىك بايانلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئېزدەنگۈچىلەرگە قىممەتلىك بىلىم بەرگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.