سوڭخۋاجياڭ دەرياسىدىكى بۇلغىنىش رۇسىيىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە
2005.11.30
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جىلىن خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن زەھەرلىك بېنزول ماددىسىنىڭ سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىگە ئارىلىشىپ كېتىشى، دەريا سۈيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە خاربىن شەھىرىنىڭ سۇ تەمىنلىشى توختىتىلغان شۇنىڭدەك 4 مىليون ئاھالە سۇ ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. پارتلاش ۋەقەسى 5 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغاندىن سىرت 10 مىڭ كىشى پارتلاش يۈز بەرگەن رايوندىن باشقا يەرلەرگە يۆتكىۋىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن ئىختىلاپ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى بىر مەزگىل ئەركىن تارقاتقان بولسىمۇ ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىختىلاپ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
بىراق رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە تۈرلۈك غۇلغۇلىلار بايان قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغانغان سۇيى رۇسىيە چېگرىسىدىن ئېقىپ كىرىپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىگە جايلاشقان خاباروۋسكى رايونىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
بۇ ئارىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، سوڭ خۇئاجياڭ دەرياسى سۈيى بۇلغىنىش ۋەقەسىنىڭ رۇسىيىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىياننى ئازايتتى. بۇ ۋەقەنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلمايمىز" دېگەن.
مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى مەكتەپلەر دەرستىن توختىغان
موسكۋا ھۆكۈمىتى گەرچە بۇلغانغان سۇدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خاباروۋسكىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۈچ مەكتەپلەردە دەرس توختىغان، رېستۇرانغا ئوخشاش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىمۇ تاقىۋېتىلگەن.
خاباروۋسكىدىكى مۇھىت ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆلەگ مىتۋولنىڭ ئېيتىشىچە، خاباروۋسكى رايونى جىددىي ھالەتكە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە سۇ تارقىتىشنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خاباروۋسكى يەرلىك ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بارلىق ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
رۇس ئانالىزچىلىرىدا گۇمان
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئانالىزچىلار، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان پەيتىدە، بۇ ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەسلى مەۋجۇت بولغان قىيىنچىلىقلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقەنىڭ قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇلغانغان سۇنى رۇسىيە چېگرىسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلى نوپۇسى ئاز بولغان رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى رۇس خەلقىنى بۇ زېمىندىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش، بۇ ئارقىلىق خىتاي نوپۇسىنى بۇ زېمىندا تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
رۇسىيە زېمىنىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى زەھەرلەنگەن سۇ رۇسىيىگە يېتىپ باردى
- خاربىندا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلدى
- سۇڭخۇاجياڭنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسى خىتاينىڭ گۈللىنىشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ
- خىتاينىڭ خاربىن شەھىرى دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىش تەھدىتى ئاستىدا قالدى
- خىتاي دائىرىلىرى خاربىندا شەھەر بويىچە تۆت كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى