كانادادىكى كارلتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسەت پەنلىرى كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بۇرھان چېلىك ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيىسىگە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى "دېگەن تېمىنى تاللىدى.
2001 يىلى كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيىدىكى قىرىق قەلئە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى بولغان بۇرھان چېلىك، تۈركىيىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشلىرىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئىشنى قايتىدىن ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىن باشلاش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى" دېگەن تېما ئۇستىدە ئىشلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ بۇ دېسسىرتاتسىيەسىنى بۇ يىل ماي ئايلىرىدا تاماملاشنى پلانلىماقتا.
بۇرھان چېلىكنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ھازىرغىچە غەرب دۇنياسىدا يېزىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە ئەڭ ئىنچىكە دېتاللارغىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن مۇكەممەل ئەسەر بولۇپ قالىدىكەن.
بۇرھان چېلىك كاناداغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان ۋە بۇ جەرياندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن يەنىلا جەم بولالمىغانلىقىمنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈ ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىغىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل توسالغۇلارنى چىقىرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بېغىشلانغان بۇ تېمىنى تاللىغان.
ئۇيغۇرلارغا قىززىقىشىدىكى سەۋەب
بىز بۇرھان چېلىك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغىنىمىزدا ئۇ نىمە ئۈچۈن كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققانلىقى ۋە ماقالىسىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
مېنىڭ ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەم "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى" دېگەن تېمىدا بولۇپ، مەن بۇ ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىغى، مەسىلەن كۆچمەن كۆچۈرۈش مەسىلىسى، يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشىگە ئىلھام بېرىلىۋاتقانلىغى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ نىمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىگى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىلمى ئۇسۇلدا يورۇتۇشقا تىرىشتىم.
بۇرھان چېلىك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاچاندىن بەرى دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:
"مەن تۈركىيىدىكى ۋاقتىمدا رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ گېزىت ۋە تېلېۋىزوردىكى سۆزلىرىدىن ، مەجمۇئەلەردىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم. لېكىن مەن ئوز ۋاقتىدا بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يەتمىگەن ۋە راستىنى ئېيتسام، بۇنىڭغا سەل قارىغانكەنمەن كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ھالى ھاراپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرقىسمى بۇ يەردە بولسا، يېرىمى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا پارچىلىنىپ تۇرىۋاتقانلىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جەم بولىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم. بۇ ئەھۋاللاردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى سەزدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقتىم"، دېدى.
بۇرھان چېلىك: ئۇغۇرلار ئۆزلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
بۇرھان چېلىك شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خېلى ئۇزۇندىن بەرى مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى بۇ تەتقىقاتلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"شەرقىي تۈركىستان سىتىراتىگىيىلىك جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى گېئوپولىتىكىلىق جەھەتتىن مۇھىم. لېكىن بۇ مىنىڭ تېمامنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئەمەس، ئىككىنجىسى شەرقىي تۈركىستان 1 مىليون 800 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق كەڭ تۇپراققا ئىگە ، ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا ماكانىمىز. بۇلار مەن ئۈچۈن پەقەتلا سەۋەپ. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان 8 10 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى. دۇنيا، بۇ ئوز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن يەكلەنگەن، ئوز زېمىنىدىكى بايلىقلارنىڭ قۇربانلىرى بولىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارغا دېگەندەك كۆڭۈل بولەلمىدى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارمۇ تىبەتلىكلەرگە قارىغاندا، تاشقى دۇنياغا ئوز ساداسىنى ئاڭلىتىشتا ئانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، چەتئەللەرگە قىچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە بەزى پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نىسبەتەن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مەن كانادالىق بىر تۈرۈك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلارغا نىمە قىلىپ بېرەلمەيمەن، دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى قولغا ئالدىم. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق تېمىلارغا ، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىشنىڭ يەنە بىر يولى".
بۇرھان چېلىكنىڭ ئارزۇسى
سۆھبەت داۋامىدا بۇرھان چېلىك ئۇزۇندىن بەرى شەرقىي تۈركىستاننى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
"مەن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستانغا بارمىدىم. مەن كەشقەرگە بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئۇي يەردىن ئۈرۈمچىگىمۇ بارىمەن. نىمە ئۈچۈن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى؟ قەشقەر بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ قاراخانىيلار خاندانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى، سودا مەركىزى ۋە يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولغان شەھەر. بۇ يۈزىدىن بۇ شەھەر تارىختا چوڭ رول ئوينىغان. شۇڭا مەن ئەينى تارىخنىڭ ئىزلىرى ھازىر زادى قانچىلىك ساقلىنىپ قالدى؟ تۈركلەر ئوز ئەنئەنىلىرىنى قانچىلىك قوغدىيالىدى؟ ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى قانداق؟ بۇلارنى ئوز كۈزەم بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىنى ۋە ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋە مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش پىلانىم بار"، دېدى.
بۇرھان چېلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كونكرېت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، كۆچمەن كۆچۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا مەقسەتلىك زۇلۇم سېلىش يەنى ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەقسەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، توخۇنى ئولتۇرۇپ مايمۇننى قورقىتىش تاكتىكىسىنى قوللانماقتا. بىر ئائىلىدە بىر ئادەمنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق باشقىلارنى جىم تۇرۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىمۇ بار. ئالايلۇق، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھەرلىرى ئەيدىس كېسەللىكى كەڭ تارالغان رايونلارنىڭ بىرى. بۇ شەھەرلەر خىتاي بويىچىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا بويىچىمۇ ئەيدىس كېسەللىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. نىمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئەيدىس كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالماستىن، ئۇنىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ كەڭ يامرىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ. خىتايلار بۇ يەردە، ئۇيغۇر تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆلسۇن، بىز ئۇلاردىن قۇتۇلايلى، باش ئاغرىقىمىز ساقايسۇن دېگەن تاكتىكىنى قوللانغان، مانا بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ يەنە بىرى".
