خىتايدا ئوچۇقلۇققا يۈزلەنگەن گېزىتلەرنى تاقايدىغان تەتۈر ئېقىم


2006.01.26

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى 2004 ‏- يىلى "جەنۇبى جۇڭگو كەچلىك گېزىتى"، "ئىقتىسادىي نەزەر گېزىتى" ، "خېنەن سودا گېزىتى" قاتارلىق ئوچۇق -يورۇقلۇققا يۈزلىنىۋاتقان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى تاقىغان ئىدى. 2005 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىدا "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" نى تاقىدى. 2006 ‏- يىلى كىرىش بىلەنلا 1‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى يەنە "مۇزلۇق" ھەپتىلىك گېزىتىنى تاقىدى، - دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ خىتايدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇشاۋبو ئەپەندى‏ بېيجىڭدا ئۆز تۇرالغۇسىدا تۇرۇپ يازغان ئوبزورىدا ‏- ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە ئوچۇق -يورۇقلۇققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان، مۇشتىرىلىرى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقان گېزىت -جۇرناللار. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئىلغارلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى باستۇرۇشى خىتايدىمۇ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئەركىنلىشىش، بازارلىشىش، خەلقچىللىشىش، مۇستەقىللىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشىنى توسۇپ، ئۇنى داۋاملىق تۈردە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زۇۋانى قىلىشنى مەقسەت قىلغان. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنيادا ئەخلاقىي ئۆلچەم جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقتىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتايدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى خىتايغا دائىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ "زۇۋانى" ياكى "مەخپىي ساقچى'لىرى" غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

پارتىيىنى خۇنۈكلەشتۈرگەنلىك چوڭ گۇناھ

ليۇشاۋبو ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا "مۇزلۇق" ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ تاقىۋىتىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بايان قىلىنىشىچە، بۇ گېزىتتە جوڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇئەن ۋېيشى ئەپەندىنىڭ خىتايدا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان تارىخ دەرسلىك كىتابلىرى ھەققىدە يازغان بىر ئوبزورى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ئوبزوردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى "چىل بۆرە" گە ئوخشىتىپ، كوممۇنىست خىتاي مائارىپىدا قوللىنىلىۋاتقان دەرسلىك كىتابلارنى بولسا "بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا چىل بۆرىنى ئەمدۈرۈش" بەلكى "داۋاملىق ئەمدۈرۈش" تىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ گېزىتتە يەنە دۇنيادا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا "پىڭشىنگۇئەن ئۇرۇشى" تىلغا ئېلىنغان ئىدى. شۇڭلاشقا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇ گېزىتنى "كوممۇنىست پارتىيىنى خۇنۇكلەشتۈردى" دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئۇچۇر ‏-ئاخبارات مەھكىمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارمۇ دەرھال ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ "مۇزلۇق" ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ تاقىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلماسلىقنى، ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنىپ بولغان ماقالىلەردىن نەقىل ئالماسلىقنى، بۇنداق گېزىتلەردىن چېگرا ئايرىشنى بۇيرىغان. خىتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىمۇ قارار چىقىرىپ "جۇڭگو ياشلىرى گېزىت" نىڭ قوشۇمچە ھەپتىلىك گېزىتى بولغان "مۇزلۇق" گېزىتىدىن ئىبرەت ئېلىشنى، ھەر قايسى ۋاستە تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ جامائەت پىكرىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتياداي نۇرغۇن ئادەم يەنىلا دوزاقتا ياشىماقتا

"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى "مۇزلۇق" نى تاقاش بۇيرۇقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى لى داتوڭ ئەپەندى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا "خۇ جىنتاۋ" دېگەن ئىسىم ھازىر تەتۈر ئېقىمنىڭ ۋە دېموكراتىيىگە قارشى تۇرىدىغان مۇستەبىتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى، دېگەن.

خىتايدا "شاڭخەي يىگىتى" سەرلەۋھىلىك فېليەتون يېزىپ تونۇلغان تەيۋەنلىك يازغۇچى لوڭ يىڭتەي ئەپەندىنىڭ "مۇزلۇق" گېزىتىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئەپەندى ھازىر رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەت دۇنيا بويىچە ئەركىنلىك سېلىشتۇرمىسىدا 177 ‏- ئورۇندا تۇرىۋاتقان دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى زادى قانداق تۈزۈم؟ خۇ جىنتاۋغا رەھبەرلىك ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى قانۇنغا مۇۋاپىق ئەرباپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ سۆزى بويىچە "غەرب ئوڭچىلىرىنىڭ ئۆلچىمى خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ" دېيىلسە، خىتايدىكى ھازىرقى تۈزۈم سوتسىيالىزمنىڭ "بايلىقلارنى تەڭ باراۋەر تەقسىم قىلىش" دېگەن ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ خىتايدا ھازىر بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ئىپادىلەپ تۇرغان سانلىق سېلىشتۇرما جېنىس رېكورتىدىن نۆلدە 4 ھەسسە ئېشىپ كەتتى. خىتايدا ھازىر نۇرغۇن ئادەم جەننەتتە ياشىسا، يەنە نۇرغۇن ئادەم دوزاخقا كىرىپ قالدى. خۇ جىنتاۋ ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ زۇۋانى بولغان تېلېۋىزىيە، رادىئولار ئارقىلىق "بەخت ناخشىسى" نى توۋلاپ، ھەممە بوشلۇقنى ئىگىلەپ، نامراتلارنىڭ ئاۋازىنى ھەرگىز چىقارغۇزمايۋاتىدۇ. ئوچۇق- يورۇقلۇققا يۈزلىنىۋاتقان گېزىتلەرنى باستۇرۇپ، نامراتلارنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنى چىقىرىدىغان "بوغىزى" نىمۇ كېسىپ تاشلاۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.