تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى (مىللەتچى پارتىيە) بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەنىلا ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىدا ناھايىتى چوڭ زىددىيەت بولسىمۇ، مەسىلەن: مىللەتچى پارتىيىنىڭ 'جۇڭخۇئا مىنگو' ئاساسىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگىنى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى' ئاساسىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگىنى ئوخشىمىسىمۇ، بۇ ئىككى پارتىيە يەنىلا خىتاي مىللەتچىلىكى نوقتىسىدىن نۇقۇل ھالدا 'جۇڭگو' دېگەن مۈجىمەل نام ئاستىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. تەيۋەن خەلقى ھازىر بۇنداق ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋىرىشىدىن بىزار بولماقتا.
تەيۋەن پروفېسسورلار بىرلەشمىسى جاڭ كەيشى ھەيكەللىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن پاك-پاكىزە ئوقۇش مۇھىتى يارىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
بۈگۈن تەيۋەندە 99 نەپەر پروفېسسور ئىمزا قويۇپ، پروفېسسورلار بىرلەشمىسى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىدا، تەيۋەندە جاڭ كەيشى ھەيكلىنى پۈتۈن مائارىپ ساھەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن پاك-پاكىزە ئوقۇش مۇھىتى يارىتىشنى تەكىتلىدى.
'جەنۇبىي تەيۋەن خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ كەيشى گۇروھى 1949 - يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇشتا، كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن، - دەپ كۆرسىتىلىدۇ پروفېسسورلار بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدا،- بۇ پارتىيە تەيۋەندە شەخسىيگە چۇقۇنۇشنى يولغا قويۇپ، جاڭ كەيشى ھەيكەللىرىنى بارغانسېرى كۆپلەپ ياساپ، تەيۋەن خەلقىنى جاڭ كەيشىدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىتكە چۇقۇنۇشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن بۇيان تەيۋەن خەلقى مىللەتچى پارتىيە يۈرگۈۋاتقان ھەربىي ھالەت شارائىتىدە، بۇنداق مىللىي ھاقارەتكە چىداپ تۇرۇشقا توغرى كەلدى. ھازىر تەيۋەندە دېموكراتىيە تۈزۈمى تىكلىنىپ بولدى، تەيۋەن خەلقى ھازىر ئۈچىنچى قېتىملىق دېموكراتىيە دولقۇنىغا قەدەم قويدى.
ئەمما، ھازىرغا قەدەر جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ تەيۋەندە، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە تېخىچە ئۈزۈل-كېسىل تازىلىۋىتىلمەسلىكى تەيۋەن دېموكراتىيىسىگە قىلىنىۋاتقان ھاقارەت، تەيۋەن خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ، مىللەتچى پارتىيەنىڭ "يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال قىرغىنچىلىقى' غا ئۇچرىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ مىللىي غورۇرىغان قىلىنغان ھاقارەت.
كۆكچىلەر (گومىنداڭچىلار) پروفېسسورلارنى 'تارىخ ساۋادى تۈۋەن بولغانلىقىتىن' دەپ تەنقىدلىگەن
تەيۋەننىڭ گاۋشۇڭ شەھىرىدە ئۆتكەن ئايدا جۇڭجېڭ (جاڭ كەيشى) مەدەنىيەت مەركىزىدىكى جاڭ كەيشىنىڭ ھەيكىلى ۋە جاڭ كەيشىنىڭ نامى يېزىلغان ۋېۋىسكىلار بىر كېچىدىلا پۈتۈنلەي تازىلىۋەتكەن ئىدى، - دەپ بايان قىلىنىدۇ خىتاينىڭ 'يۇلتۇزلۇق ئارال' گېزىتىدە.
بۈگۈن يەنە تەيۋەن پروفېسسورلار بىرلەشمىسى قاتارلىق 10 نەچچە تەشكىلات بىرلىكتە گاۋشۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن جۈ ئەپەندىنىڭ ھەيكەل تازىلاش ھەرىكىتىنى قوللاپ پائالىيەت ئېلىپ باردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنى تەيۋەنگە سىرتتىن كەلگەنلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر ئالقىشلىغان.
ئەمما كۆكچىلەر (گومىنداڭچىلار) ئۇلارنى 'تارىخ ساۋادى تۈۋەن بولغانلىقتىن' دەپ تەنقىدلىگەن. 'مەركىزى ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەنگە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا ئۆلكىلەردىن جاڭ كەيشى ئارمىيىسى بىلەن كەلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتتىن كەلگەنلەر پۈتۈن تەيۋەن نوپۇسىنىڭ %13 نى تەشكىل قىلىدۇ، ھازىر تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئايرۇپىلان قاتنىشىنى قىزغىن تەشەببۇس قىلىۋاتقانلارمۇ، پەقەت پۈتۈن تەيۋەن نوپۇسىنىڭ % 13 نىلا تەشكىل قىلىدۇ.
چېن شۇيبيەن سۆزىدە 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى ھازىر تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتكەن
بۈگۈن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن بىلەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت لۈشيۇلەن تەيۋەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كەچلىك پائالىيىتىگە قاتناشقان. 'مەركىزى ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن مىللەتچى پارتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ليەن جەن ئەپەندىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىرلىكتە سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ "مىللەتچى پارتىيە تەيۋەندە ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا بازارغا سېلىش دېگەن نام بىلەن تەيۋەن خەلقىنى ئالداشقا باشلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ، تەيۋەنگە تەقلىت قىلىپ ئىشلىگەن ساختا مەھسۇلاتلارنى ھەدەپ بازارغا سېلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'نىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
مۇئاۋىن پرېزىدېنت لۈشيۇلەنمۇ بۇ كەچلىك پائالىيەتتە سۆز قىلىپ "ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان سىياسەتچىلەر ھازىرمۇ خىتاي بىلەن تەيۋەننى بىر بازار، دەپ قاراپ، تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى خىتايغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق 'سۇلالىغا تارتۇق' بېرىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ۋەلى)