ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارار لايىھىسى ماقۇللىدى


2007.10.03

AIR-F-16-Craft-AFP-200.jpg
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى كورىيىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ F-16C تىپتىكى كۈرەشچى ئايرۇپلانلىرى. 2007 - يىلى 19 - ئىيۇن، جەنۇبى كورىيە. AFP PHOTO

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەيشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىنى ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى ماقۇللانغان مەزگىلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ب د ت ئومۇميىغىنىدا ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىمىدا تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

" تەيۋەن ئۆزىنى قوغدايدىغان يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك "

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىدە، بۇش ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئۇيغۇن سىياسەت قوللىنىپ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن مۇداپىئە قوراللىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىندى. ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىلىيېنا روس - لېتىنانت خانىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھە، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر لايىھە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشتىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەپتە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان ئىدى.

قارار لايىھىسىنى قوللىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى دوكلاتىدىن قارىغاندا ، تەيۋەن خىتاينىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئاۋام پالاتا ئەزاسى روس - لىتېنانت خانىم، تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۈت تەھدىت ئاستىدا "تەيۋەن ئۆزىنى قوغدايدىغان يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم " دەپ كۆرسەتتى.

" بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ بۇ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىشى كېرەك "

ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس، مەزكۇر قارار لايىھىسىنى قوللىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، مەزكۇر قارار لايىھىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغاندا " بۇ قارار لايىھىسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىز تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئاساسەن تەيۋەننىڭ ئۆز ‏- ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا قەتئىي ياردەمچى بولىمىز . تەيۋەننىڭ خەلق سايلىغان رەھبەرلىرى F - 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ بۇ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

تەيۋەن، 2007 ‏- يىلقى ھەربىي خام چوتىدىن 4 مىليارد 800 مىليون دوللارنى 66 دانە F - 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا ئاجراتقان بولۇپ، 2008 ‏- يىلقى ھەربىي خام چوتىدا بۇ پۇلنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن. تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ۋۇ جاۋشيې، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى قارارىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تېزرەك تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ۋۇ جاۋشيېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەن ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىشقا ئاجراتقان خام چوتنىڭ قەرەلى 10 ‏- ئايدا توشىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بۇ سودىنى تېزرەك تەستىقلىمىسا، خام چوتنى دۆلەت غەزىنىسىگە قايتۇرۇۋېتىشكە توغرا كېلىدىكەن . لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تەيۋەنگە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىپ بېرىش ياكى بەرمەسلىك مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ ھازىرغا قەدەر ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئومۇمخەلىق ئاۋازىغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەنى فەليوماۋېگا، "مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ھازىرغىچە بېجىرمىگەنلىكى تەيۋەننىڭ بۇ نام بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر " دەيدۇ.

ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىلىك يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ

تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ئاي ئاۋسترالىيىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار، پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزى شىمالىي كورىيە يادرو سۆھبىتى ھەل قىلغۇچ دەۋردە تۇرۇۋاتقان، ئامېرىكا بۇ مەسىلىسىدە يەنىلا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك يۈز بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىشقان.

" تەيۋەنگە كېلىۋاتقان تەھدىت كۈچىيىۋاتىدۇ "

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى قارار لايىھىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمى رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ ئاگاھلاندۇرغان مەزگىلدە ماقۇللاندى. ب د ت ئومۇمىغىنىدىكى سۆزىدە تەيۋەننىڭ ھەرىكىتىنى "خەتەرلىك قەدەم " دەپ تەكىتلىگەن ياڭ، "ئەگەر دىققەت قىلىنمىسا، بۇ تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ" دېگەن ئىدى.

لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەزالارنىڭ تونۇشىدا زور پەرقلەر مەۋجۈت. ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ زور كۆلەملىك تەرەققىياتى " تەيۋەنگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە "دېيىلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.