دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھالەت‏ - تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىيە


2007.07.16

ھەر يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى تەيۋەندە جاڭ كەيشى يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇيىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ۋە تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى جاڭ جۈنشۇڭ قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى، 20 يىلدىن بۇيانقى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر كۆزگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ كۆزگەرمىگە تەيۋەن خەلقى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشكە قارشى نامايىش قىلغاندا جاڭ كەيشىنىڭ قوراللىق ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى مۇھاسىرىگە ئالغان كۆرۈنۈشلەر؛ خەلق سايلىمىغان 'دۆلەت ۋەكىللىرى' يىغىنلاردا ئۇخلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر؛ تەيۋەنلىكلەر خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان كۆرۈنۈشلەر؛ چېن شۇيبيەن، لى شيۇليەن قاتارلىق دېموكراتىيىچىلەر ھەربىي ھالەت يۈزگۈزۈشكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى فوتو نۇسخىسى قويۇلغان.

ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇستەبىتلەردىن قايتۇرىۋېلىش ناھايىتى كۆپ قان تۆكۈش بەدىلىگە كەلگەن

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن شۇيبيەن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى قىلغان سۆزىدە، جاڭ كەيشى تەيۋەندە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن يىللار تەيۋەندىكى ئەڭ قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك يىللار بولغانلىقى؛ جاڭ كەيشىنىڭ ھەربىي جاسۇسلىرى ھەتتا ئامېرىكىغا بېرىپ يازغۇچىلارغا قەست قىلغانلىقى؛ ئەينى يىللاردا تەيۋەن خەلقى ناھايىتى زور بەدەل تۆلىگەنلىكى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇستەبىتلەردىن قايتۇرىۋېلىش ناھايىتى كۆپ قان تۆكۈش بەدىلىگە كەلگەنلىكى جەھەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ جەريانىنى بايان قىلغان.

ھازىر تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، جاڭ كەيشى تەيۋەندە يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دېموكراتىيىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە) يۈرگۈزگەن سىياسەت بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتا گۇڭچەنداڭ(كوممۇنىست پارتىيە) يۈرگۈزگەن سىياسەت ئوخشاش.

تەيۋەندە چوڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ كەيشى 1949 ‏- يىلى تەيۋەنگە قەدەم باسقاندىن باشلاپ 1987‏- يىلىغىچە جەمئى 38 يىل ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن. بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي ھالەت. بۇ جەرياندا 140 مىڭ تەيۋەنلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

جاڭ كەيشى تەيۋەندە يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كېيىنلا، تەيۋەن پرېزىدېنتى 7 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى قانۇن پالاتاسى ماقۇللىغان چوڭ كەچۈرۈم قانۇنىنى جاكارلىغان. بۇ چوڭ كەچۈرۈم قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، يىلى بەلگىلىنىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ بولسا % 50 جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدىكەن.

بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدە، تۈرمىدىكى 10 نەچچە مىڭ مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ تەيۋەن تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلار سانىنىڭ% 38 نى تەشكىل قىلىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە ئېلان قىلىنغان چوڭ كەچۈرۈم قانۇنى تەيۋەندىكى دېموكراتىك تۈزۈم شارائىتىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىشنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.