تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟


2007.07.20

تەيۋەن ھۆكۈمىتى 7 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن كىرىش ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماس سۇندى. 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، تەيۋەن بۇنىڭدىن بۇرۇن 'جۇڭخۇا مىنگو' دېگەن نام بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن 14 يىل ھەرىكەت قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

ئەمدى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇيىل 5 ‏- ئايدا 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس يوللىغان ئىدى. تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتى قىسمەن دائىرىدە قوللاشقا ئېرىشتى. ئەمدى تەيۋەن ھۆكۈمىتى يەنە 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس يوللىدى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ب د ت غا ئەز بولۇش ئۈچۈن ئۈچۈن تۆت جەھەتتىن شەرت ھازىرلىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن يوللىغان ئىلتىماسىدا، تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ ب د ت قانۇنىنىڭ تەڭ -باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا، ئۇنىڭغا ئەز ا بولۇپ كىرىش ھوقۇقى بارلىقى؛ تەيۋەندە ھازىر% 77 دىن ئارتۇق دۆلەت پۇقراسى ب د ت د گە 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن كىرىشنى قوللاۋاتقانلىقى؛ تەيۋەن ھازىر دۇنيا بۇيىچە 18 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدە، 16 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان سودا دۆلىتى ۋە 7 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەن ئاللىقاچان ب د ت غا ئەزا بولۇش شەرتىنى ھازىرلاپ بولغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

1949 ‏- يىلى جۇڭخۇا مىنگو تەيۋەننى بۆلۈۋالغان ئىدى

'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ب د ت گە ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى 'جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغانلىق' دەپ ئەيىبلىگەن ۋە تەيۋەننى 'جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەپ تەكىتلىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن خىتايدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە، 1949 ‏- يىلى بۆلۈنۈپ چىققان ئىدى.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1971 ‏- يىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ب د ت دىكى ئورنىنى تارتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەندىكى جۇڭخۇا مىنگو ب د ت گە قايتىدىن كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆرۈنمىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى

ھازىر تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەيۋەننىڭ ب د ت گە كىرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۆتكەن ئەسرنىڭ 70 ‏- يىللىرىدا باشلانغان ئامېرىكا -خىتاي دېپلوماتىيىسى ئاستىدىكى تەيۋەن مەسىلىسى، 80 ‏- يىللاردىن كېيىن تەيۋەندە دېموكراتىيىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى، تەيۋەندە جۇڭخۇا مىنگوچىلار غەلىبە قىلالماي كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلىشى، ئاخىرىقى ھېسابتا تەيۋەن خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسىگە باغلىق

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەيۋەننىڭ ب د ت گە ئەز بولۇپ كىرىشىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە توختالغاندا، گەرچە تەيۋەن بۇ يولدا كۆپ قېيىنچىلىققا دۇچ كەلسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلىشى، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا تەيۋەن خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسىگە باغلىق دەپ كۆرسەتتى . (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.