گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەجرىبىسىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟


2008.01.04

تەيۋەندە ھازىر گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ئۇزۇندىن بۇيان كوممۇنىست پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان لىن باۋخۇا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىنى سېلىشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى.

‏ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قايسى ئەڭ چوڭ باي؟

-‏ پارتىيە مۈلكىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەيۋەندىكى گومىنداڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ باي پارتىيە، ‏-‏ دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ‏-‏ گومىنداڭ ئۆزىنىڭ مۈلكى بارلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۈلكى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، خىتايدىكى مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى 'خەلقنىڭ مۈلكى'، 'دۆلەتنىڭ مۈلكى' دەپ ئاتايدۇ. مانا بۇ مۇشۇ ئىككى پارتىيىنىڭ پەرقى ۋە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھىلىگەرلىكى.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گومىنداڭ ئۆزىنىڭ پارتىيە مۈلكى بارلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، تەيۋەندە دېموكراتىيە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭنىڭ قانۇنلۇق مۈلكى ھازىرمۇ مەۋجۇت. خىتايدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر خىتاي دېموكراتىيىلەشسە، ئۆزىنىڭ مۈلكى بارلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلمىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خىتايدا ھېچقانداق مۈلكى بولمايدۇ، پۈتۈن مۈلۈك خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكى بولۇپ كېتىدۇ. مۈلۈك خەلقنىڭ قولىغا ئۆتسىلا، كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ. شۇڭلاشقا كوممۇنىست پارتىيە ھازىر دېموكراتىيىگە قارشى تۇرىدۇ.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا 'كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن، شۇڭلاشقا 'خەلقنىڭ مۈلكى'، 'دۆلەتنىڭ مۈلكى' دېگەننىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋالدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كوممۇنىست پارتىيە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ باي پارتىيە. يەر ئاستىدىن تارتىپ ئاسماندىكى ھاۋا بوشلۇقىغىچە ھەممىسى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۈلكى.

خىتايدا خۇسۇسىي شىركەت دېگەنلەرمۇ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۈلكى

تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىك جەھەتتە ھېچقانداق پەرقى يوق. ئەمما تەيۋەندە سودا- تىجارەت يەنىلا شەخسىيلەرنىڭ ئىگىلىكىدە. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنست پارتىيە بولسا خۇسۇسىي ئىگىلىككە يول قويمايدۇ. خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گەرچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر %50، قالغان %50ى شەخسىيلەرنىڭ ئىگىلىكىدە دېيىلسىمۇ، بانكا، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، كان - بايلىق قاتارلىق ئەڭ چوڭ ھەل قىلغۇچ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا دۆلەت ئىگىلىكىدە.

خۇسۇسي شىركەتلەرگىمۇ يەنىلا كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. بۇنداق شىركەتلەر كوممۇنىست پارتىيىگە بېقىنىدۇ. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرسا، ئۇ ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، دەرھال دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. دېمەك خىتايدىكى خۇسۇسىي شىركەت دېگەنلەرمۇ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۈلكى. شاڭخەيدىكى ئەڭ چوڭ باي جۇ جېڭيى، ئۇنىڭ بايلىقى خۇسۇسىي مۈلۈك، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي جاڭ زېمىن ئائىلىسى ۋە شاڭخەيدىكى پارتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باي بولغان. بۇنداق تىل بىرىكتۈرۈش بولمىسا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باي بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

تەيۋەندە پەقەت گومىنداڭنىڭ قانۇنسىز مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ

تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت بولغاچقا، پەقەت 'گومىنداڭنىڭ ئادالەتسىز، قانۇنسىز مۈلكى مۇسادىرە قىلىش' نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر گومىنداڭنىڭ ئەزالىرى ئىئانە قىلغان مۈلۈك بولسا، بۇنداق پارتىيە مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدۇ. ئەمەلىيەتتە گومىنداڭنىڭ قانۇنسىز مۈلكى ناھايىتى كۆپ. ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ ياپونلۇقلارنىڭ تەيۋەندىكى مۈلكىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. مەسىلەن: تەيۋەن شېكىرى، تەيۋەن تاماكىسى، تەيۋەن سىمۇنتى دەپ ئاتىلىدىغان ياپون شىركەتلىرى ئۆتكۈزىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكى دەپ ئاتالماي، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت دەپ ئاتالغان ئىدى. شۇڭلاشقا ھازىر بۇ شىركەتلەرگە تەيۋەندە قايسى پارتىيە ھوقۇق تۇتسا شۇ پارتىيە باشقۇرغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكى دەپ ھېسابلانمايدۇ.

ئەمما گومىنداڭ دۆلەت بىلەن پارتىيىنى بىر گەۋدە قىلىۋالغان پارتىيە بولغاچقا، دۆلەت ئۆتكۈزۈۋالغان بۇنداق مۈلۈكنىمۇ ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋالغان. ھەتتا ياپونلاردىن ئۆتكۈزۈۋالغان بەزى شىركەتلەرنى گومىنداڭ ئۆزىنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى دېگەن تەشكىلاتلىرىغا سوغا قىلىۋەتكەن. ئەمما ياپونلارنىڭ كىنوخانىلىرىنى گومىنداڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. كېيىن كىنوخانىلارنى چېقىپ، ئورنىغا چوڭ بىنا سالدۇرۇپ، يەر -زېمىن سودىسىدا ناھايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن. گومىنداڭنىڭ بۇنداق قانۇنسىز مۈلكى ناھايىتى كۆپ. بۇ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى ھازىر 'مەبلەغ سېلىش' دېگەن نام بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ كېتىلدى. ليەن جەن قاتارلىقلار چوڭ قۇرۇقلۇققا سالغان مەبلەغ دەل مۇشۇنداق مەبلەغ. تەيۋەندە مۇسادىرە قىلىنىدىغان گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكى دەل مۇشۇنداق قانۇنسىز مۈلۈك.

گومىنداڭ ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇلنى ئايىماي خەجلەيدۇ

ھازىر تەيۋەندىكى گېزىتلەردە، تېلېۋىزورلاردا گومىنداڭنىڭ سايلام ئېلانلىرى ناھايىتى كۆپ، تەيۋەندىكى مىنجىنداڭنىڭ ئېلانلىرى ئاز، بۇلار ناھايىتى جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە خىزمەت قىلىدۇ، چۈنكى پۇلى يوق. گومىنداڭ ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەگەر ھازىر پۇل خەجلەپ ھوقۇققا ئىرىشىۋالمىساق، بەرىبىر مۇسادىرە قىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ پۇلنى ئايىماي خەجلەۋاتىدۇ. ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن جان تىكىۋاتىدۇ. ھەتتا سايلايدىغانلارغا پارا بېرىدۇ.

ھازىر تەيۋەندە ئاخبارات، تەپتىش، قانۇن ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە گومىنداڭنىڭ ئادىمى كۆپ. گومىنداڭ ئۆزىدىن چىققان پارلامىنت ئەزالىرىغا سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە 5 مىليوندىن پۇل بەرگەنلىكى مەلۇم.

شىنجاڭدىكى چوڭ قۇرۇلۇشلارمۇ يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ

چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيە تۈزۈمى تىكلەنسە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۈلكى بولمايدۇ، ھەممىسى خەلقنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ. چۈنكى ئۇ پۈتۈن مۈلۈك خەلقنىڭ مۈلكى دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. كوممۇنىست پارتىيە شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن 'دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەركىزى' دەپ ئېلىپ بارغان ھەر خىل چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك خەلققە قايتىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئالماشتۇرۇلسىلا،كوممۇنىست پارتىيە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ.

چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 70 مىليون ئەزاسى بار. ھازىرقى بىلىملىك كىشىلەرنى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىگە ئەزا قىلىۋالدى، سېتىۋالدى. ئەزا بولمىغان، سېتىلمىغانلارنى بېسىۋەتتى، ئەگەشمىگەنلەرنى بىلىمسىز قالدۇردى. كوممۇنست پارتىيىگە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئۇلاردىن تۆۋەن، مۇقىم پارتىيىسى ياكى مۇستەھكەم تەشكىلاتى يوق. كوممۇنىست پارتىيە ئاغدۇرۇلغاندا، شىركەتلەرنى باشقۇرىدىغان كوممۇنىست بولمىغان كىشىلەردىن شۇنچىۋالا رەھبەرنى تېپىپ چىقىش ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى.

ھازىر تەيۋەندە گومىنداڭچىلار مىنجىنداڭچىلارنى قابىلىيەتسىز دەپ ياراتمايدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇرۇن گومىنداڭغا ئەگەشمىگەنلەر نادان قالدۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇلاردا بىلىملىك ئادەم ئاز، ھازىر مىنجىنداڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ئىش بىجىرىشكە لاياقەتلىكلەر يەنىلا گومىنداڭچىلار، ئۇلار ئەگەشسىلا ھېساب، بۇرۇن گومىنداڭغا قارشى تۇرۇش خىيالىدا بولغانلار بولسىلا ھېساب. دېمەك بىلىملىك ئادەم قەھەتچىلىكى بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە، بۇ تەيۋەن تەجرىبىسى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.