چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن


2007.05.30

Chen-Memorial-200.jpg
تەيۋەن پرەزىدەنتى چېن شۇيبىئەن دەموكىراتىيە خاتىرە سارىيىغا يۇپۇق ئاچتى. Taipei 12 May 2007/ AFP PHOTO/Sam YEH

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى تېلېۋىزىيە چاستوتا يىغىنى چاقىرىپ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بىلەن دىئالوگ ئېلىپ باردى. يىغىنغا ئامېرىكا تەرەپتىن بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

يىغىندا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن "دېموكراتىك تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلاردىن كەلگۈسىگە نەزەر" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

نۇتۇقنى يىغىن قاتانشقۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن باشلىغان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتىدىكى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: " بارغانچە تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تولۇق كاپالەتكە ئىگە تەيۋەن، ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل مەۋجۇد تەيۋەن، ۋە ئۆز دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەيۋەننى كۆرۈش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ( تەيۋەن - ئامېرىكا) ئۇزاق مەزگىللىك ئورتاق مەنپەئەتىگە ئىنتايىن پايدىلىق" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، ئۆتكەن يەتتە يىل جەريانىدىكى تەيۋەن - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ: " مېنىڭچە بۇنى ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان دوست، ھەققى دوست دەپ سۈرەتلىمەك بەك مۇۋاپىق كېلەمدىكىن دەيمەن" دەپ كۆرسىتىپ، ئۆتكەنكى يىللاردا تەيۋەن - ئامېرىكىنىڭ مۇستەھكەم يولداشلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي دۇنياۋى ھەربىي زومىگەرلىك يولىغا قاراپ ماڭماقتا

Chen-shui-suret-150.jpg
تەيۋەن پرەزىدەنتى چېن شۇيبىئەن سۆزدە. Taipei 12 May 2007/ AFP PHOTO/Sam YEH

ئۇ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى ئۈستىدە توختالدى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغانلىقىنى، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا 2005 – يىلى، 725 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ 2007 - يىلىغا كەلگەندە 900 گە يەتكەنلىكىنى، كېلەر يىلى بۇنىڭ 1000 دانىگە يېتىشى مۇمكىنلىگنى بىلدۈرۈپ: " خىتاي تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل شەرقى ئاسىيا رايونىنى بىسەرەمجان قىلدى. خىتاي دۇنياۋى ھەربىي زومىگەر بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا" دېدى.

خىتاي تەيۋەنگە چوقۇم ھۇجۇم قىلىدۇ

خىتاينىڭ تەيۋەنگە چوقۇم قوراللىق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش نىيىتى يوق دەپ ئويلاشنىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن چېن شۈيبيەن: "بىز شۇنى چۇقۇم ناھايىتى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، خىتاي ئاللىبۇرۇن تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش ھەرىكىتىنىڭ 3 قەدەملىك تەييارلىق خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى. ئۇ بولسىمۇ، 2007 - يىلىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك جىددىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشكە تەييارلىقىنى تاماملاش، 2010 - يىلىدىن بۇرۇن زور كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىقىنى تاماملاش، 2015 - يىلىدىن بۇرۇن چوقۇم ھۇجۇم قىلىش ۋە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى تەييارلىقىنى تاماملاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەر ھەقىقەت. شۇڭا، ئەگەر ئاراڭلاردا خىتاي تەيۋەنگە قورال ئىشلەتمەيدۇ دەپ ئىشەنگۈچىلەر بولسا، بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ھالبۇكى، ئۇرۇشتىن قانداق ساقلىنىش، ئۇرۇشنى قانداق توختىتىش ئۈچۈن بىزدە چوقۇم كۈچلۈك ھەربىي تەييارلىق بولغاندىلا بۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ " دېدى.

ئۇ يەنە، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىدا ئامېرىكىغا ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يۆلىنىۋالمايدىغانلىقىنى ھەمدە 2008 - يىلىدا تەيۋەن دۆلەتلىك ئومۇمى مالىيە كىرىمىنىڭ 3 پىرسەنتىنى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئىشىلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سالامەتلىك خەلقنىڭ ئەڭ ئەقلىي ھوقۇقى

Chen-shuibian-HWO-150.jpg
تەيۋەن پرەزىدەنتى چېن شۇيبىئەن سۆزدە. 11 May 2007 / AFP PHOTO/Sam YEH

چېن شۈيبيەن يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ، تەيۋەننىڭ بارلىق دىپلوماتىك ھەمراھلىرىنى تارتىۋېلىش، تەيۋەننىڭ بارلىق خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىدىكى ھايات تومۇرىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ تەيۋەننى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىش ئىشىغا خىتاينىڭ قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ مەزكۇر ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئەمەلىيەتتە تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن: " تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى بىلەن، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش دۇنياۋى تورىدا بىر ئارىلىق، ئەمەلىيەتتە بىر ھاڭنى قالدۇردى. بۇ يەنە تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ سالامەتلىك ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىق " دەيدۇ.

تەيۋەن ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ

كوممۇنىست خىتاينىڭ " بىر جۇڭگو، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى" نەزەرىيىسىگە قارىتا، چېن شۈيبيەن :" ئەمەلىيەتتە، تەيۋەن ھېچقاچان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئاستىدا بولۇپ باقمىغان. تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت. بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىز خىتاي كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدا" دەيدۇ

ئۇ مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: "بەلكىم بۇ مەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر يىل ئىچىدە رېئاللىققا ئايلانماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن" دېدى. ھەمدە بۇنىڭ تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلقنىڭ ئىچىدىكى ‏- كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا چوقۇم تەيۋەن نامىدا ئەزا بولۇپ كىرىشى كېرەكلىكىنى، تەيۋەننىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشكە ئىلتىماس يوللايدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەننىڭ ئاداقى مۇستەقىللىغى ئۈچۈن توختاۋسىز كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.