" مۇستەقىللىق تەڭرى ئاتا قىلغان ھەقتۇر"

0:00 / 0:00

تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى خەلق ئاۋازىغا سېلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن تەڭ تەيۋەن - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىش يەنە بىر بالداق كۈچەيدى. بۇ ۋەزىيەت يالغۇز ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي قاناتلىرى ئارىسىدىكى باياناتلاردىلا ئەمەس ، ئىدېئولوگىيە سېپىنىڭ كۈچلۈك قەلەملىرى ئارىسىدىمۇ داۋام قىلماقتا.

77% تەيۋەنلىك مۇستەقىللىقنى خالايدۇ

تەيۋەن مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ پىكىر ئۇستازلىرىدىن بىرى بولغان كۇ ۋاڭمىڭ ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىقنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى ،تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ، ئاقىۋەتتە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەم بۇ سەۋەبلىك، دۇنيا جامائىتىنى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللاشتا تەۋرەنمەسلىككە چاقىردى.

كۇ ۋاڭمىڭ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى، تەيۋەندىكى بىر چوڭ بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، تەيۋەن خەلقى ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بىر زات . ئۇ ماقالىسىدە ، يېقىندا تەرەپسىز ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، نۆۋەتتە 23 مىليون تەيۋەن خەلقىنىڭ %70 ىنىڭ ئۆزىنى" خىتاي" دەپ ئەمەس، "تەيۋەنلىك"دەپ بىلىدىغانلىقىنى؛ %75 تەيۋەنلىكنىڭ بولسا تەيۋەننى " خىتاينىڭ بىر پارچىسى " دەپ ئەمەس " مۇستەقىل بىر دۆلەت " دەپ قارايدىغانلىقىنى، %77 تەيۋەنلىكنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى."

" يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلار باراۋەردۇر، ئەركىنلىك ئىنسانلارغا تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان چېقىلىلماس ھەقتۇر" دېگەن جۈملىلەرنى ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىدىن نەقىل كەلتۈرگەن كۇ ۋاڭمىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىلىقلار ساھىپ بولغان ھەقلەرگە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ كەم-كۈتىسىز ساھىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى "ئامېرىكا روھىي" دەپ تەرىپلىگەن ئاپتور، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزالىق ئارزۇيىنى خەلق ئاۋازىغا سېلىش مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ قارشى مەيداندا تۇرۇشىنى ئامېرىكا ئەنئەنىسى ۋە روھىيىتىگە خىلاپ دەپ ئىزاھلىدى. ب د ت نىڭ، تەيۋەننىڭ ئەزالىق تەلىپىنى مۇزاكىرە تېمىسىدىن چىقىرىۋىتىشىنى بولسا ب د ت نىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرغانلىق دەپ ئەيىبلىدى.

"خىتاي ئېتىراپ قىلسۇن-قىلمىسۇن تەيۋەن مۇستەقىل بىر دۆلەت"

ئاپتور، ماقالىسىدە يەنە، تەيۋەنلىكلەرنىڭ 1950 ‏- ۋە 1980 ‏-يىللار ئارىسىدا ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ، شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەشتىكى مەقسىتىنىڭ يالغۇز دېموكراتىك ھەقلەر ئۈچۈن ئەمەس، تەيۋەننىڭ ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

1989 ‏- يىلى ئىراق كۇۋەيتنى ئىشغال قىلغاندا، 1999 ‏-يىلى سېربىيە كوسوۋالىقلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندا،ئامېرىكىنىڭ ھەقسىز تەرەپنىڭ يېنىدىن ئەمەس، ھەقلىق تەرەپنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئاپتور ئامېرىكا خەلقىغە ھېلىھەم ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈرۈپ ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: "خىتاي ئېتىراپ قىلسۇن -قىلمىسۇن تەيۋەن بۈگۈن مۇستەقىل بىر دۆلەت، بىزنىڭ تىرىشىۋاتقىنىمىز ، خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش. بىز يولىمىزنىڭ ئەگرى-توقايلىقىنى بىلىمىز: بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقىنىدەك، كەلگۈسىدىمۇ خىتاي ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئالدىمىزغا توساقلار قۇرىدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي ، بۇ توساقلىرى بىلەن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرالىشى مۇمكىن، بىراق بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتالمايدۇ. چۈنكى بىز مېڭىۋاتقان يول تەڭرى كۆرسەتكەن يول، خەلقئارادا ، قانۇندا ئىنسانىي ھەق دەپ ئېتىراپ قىلىنغان يولدۇر."

ئاپتور يەنە، ئامېرىكا، 'ئەركىنلىكنى ئىنسانلارغا تەڭرى ئاتا قىلغان بىر ھەق، چېقىلىشقا بولمايدۇ' دەپ قارايدۇ؛ خىتاي بولسا، ئەركىنلىكنى كىشىلەرگە ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ھەق ، ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. كۇ ۋاڭمىڭ بۇ ماقالىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك قارىشىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)