تەيۋەن دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.09.21

Olinpic-2008-150.jpg
خىتاي كوچىلىرىدىكى 2008 - يىلى ئولىمپىكىنىڭ تەشۋىقات تاختىسى. AFP Photo

ئالدىنقى كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭ تەرەپ 2008- يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە مەشئەلنىڭ تەيبېيدە توختاپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇقتۇرۇش چىقىپ نەچچە سائەت ئىچىدە تەيۋەن دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغاچقا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇراسىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بېسىم ئىشلىتىپ، مۇراسىم جەريانىدا تەيۋەننىڭ بايرىقىنى ئىشلەتمەسلىك ۋە تەيۋەننىڭ دۆلەت گىمنىنى ئورۇنلىماسلىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، تەيۋەنمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر تەلەپلىرىنى ئورۇنسىز دەپ قاراپ رەت قىلغان.

خىتاي تەرەپ تەيۋەننىڭ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇنى " شەرمەندىلىك تىمسالى" دەپ ئاتىدى. شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا تەيۋەن پرېزىدېنتى بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى.

تەيۋەن تەنتەربىيە مىنىستىرى ياڭ جۇڭخې ئىككى تەرەپنىڭ مۇساپە مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بىر ئايدىن كۆپرەك تالاش ‏- تارتىشتىن كىيىن ئۇلارنىڭ مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن دائىرلىرى:"ئەگەر خىتاي تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى توختاتسا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ"

ب ب س دا تەيۋەن ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى سەي چېنۋېينىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سەي چېنۋېي، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 20- سېنتەبىرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تالاش تارتىشنى ئاياغلاشتۇرىدىغان ئاخىرقى كۈن قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ھەمدە بۇ كۈننىڭمۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " ئارىمىزدىكى تالاش-تارتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىدىغانغا ۋاقىتمۇ يەتمەيدۇ" دېدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللەش كومىتېتى: "تەيبېي ئولىمپىك نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلدى ، مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى سىياسىيلاشتۇردى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل ئاپرېلدا بېيجىڭ دائىرىلىرى 2008- يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە مەشئەل ئۆتىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، شۇ ئايدا تەيۋەن خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنى رەت قىلغان ۋە تەيۋەننىڭ خوڭكوڭنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قارىماققا تەيۋەننىڭمۇ خىتاينىڭ بىر قىسمىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئەگەر خىتاي تەيۋەننىڭ "ئىگىلىك ھوقۇقىنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان" قىلمىشلارنى توختاتسا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇساپىسى بېسىپ ئۆتىدىغان 20 شەھەرنى بېكىتكەن بولۇپ، مەشئەل ئاخىرىدا جومۇلاڭما چوققىسىدىن ئۆتۈپ خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ.

خىتاي تەيۋەننىڭ دۆلەت گىمنى ۋە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان

ئەسلىدە ئولىمپىك مەشئىلى ۋيېتنامنىڭ خۇ جىمىن شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەندىن كىيىن تەيۋەنگە يېتىپ كەلمەكچى ئىدى، ئەمما كېيىن ئۆزگىرىپ تەيۋەن خوڭكوڭدىن كېيىن يېتىپ بارىدىغان جاي قىلىنغان. خىتاي رەھبەرلىرى مەشئەل تەيۋەنگە يېتىپ بارغاندا، ئولىمپىك كومىتېتى تونۇيدىغان بايراق ۋە بىر دۆلەت گىمنىنى ئورۇنلاشنى تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت گىمنى ۋە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان بۇ ئىككى دۆلەت مەشئەل يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تالاش تارتىش نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خادىمىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېلخەت ئارقىلىق" بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تالاش تارتىشقا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىدى. شۇڭا مەشئەل يەتكۈزۈش مۇساپىسى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىنى يانداپ داۋام قىلىدىغان بولدى" دەپ ئۇقتۇرغان.

ئەمما خىتاينىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى 21- ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن ئېچىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەيۋەننىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىدا ئېنىق بەلگىلىمىسىنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر تەيۋەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئۆمەك ئەۋەتسە قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كومىتېت رەئىسى جياڭ شياۋيۈ: "بىز جۇڭخۇا تەيبېينىڭ تەنھەرىكەتچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز" دېدى ۋە ئەگەر تەيۋەن ئادەم ئەۋەتسە ئۇلارغا ئالىي مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە

2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى خەلقئارادا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا كىنو چولپىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى مىيا فەرراۋ مەزكۇر ئولىمپىك يىغىنىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى’ دەپ ئاتاپ بايقۇت قىلىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا بەزى غوللۇق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپنامە يوللاپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا 200 مىڭدەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 2.5 مىليون ئادەمنىڭ ئوي ‏- ماكانسىز قېلىپ مۇساپىر بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختاتمىسا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.