7- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات يىغىنى تەيۋەندە ئېچىلدى
2007.10.25
7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات يىغىنى تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلدى. تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رۇسىيە، قازاقىستان، لىتۋا، موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ 33 مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەممۇ قاتناشقان. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ يىپەك يولى سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تېمىسىدا سۆز قىلغان. بۇ سۆزى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان، بەزى بىلىم ئادەملىرى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قىلغان سۆزىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور در. جان كۇنفۇ ئەپەندى ئەركىن ئەكرەمنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىز بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزغا تۈركىيىدىن ئەركىن ئەكرەمنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىمىز ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پايدىسى بولدى. بىز بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزغا ئىككى مۇھىم بىلىم ئادىمى چاقىردۇق. بىرسى شاڭخەي ئىستاتىستىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ۋاڭ سۇيدائو، يەنە بىرسى بولسا تەيۋەندىكى تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان دانجىئاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ۋاڭ گائوچۇن. ئۇ دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ماقالىسىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىنىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ئويلايمەن. "
بۇ يىغىننى چاقىرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور . جىئانكۇنفۇ ئەپەندى، بۇ يىغىننى چاقىرىشىدىكى مەقسەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت، تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە مىللەتلىرى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت." (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى پىلانسىز قېزىش ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە
- مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئالدىدىكى تاللاش يولى- ئۆزئارا بىرلىشىش ۋە ياكى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟
- " مۇستەقىللىق تەڭرى ئاتا قىلغان ھەقتۇر"
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارار لايىھىسى ماقۇللىدى
- تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان قايسى تەرەپ؟
- ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىنى قۇرۇش كۇن تەرتىپى يېقىنلاشماقتا
- كانادا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك
- خىتاينىڭ قاتتىق ئويۇنى ۋە يۇمشاق سىڭىپ كىرىشى
- ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى
- ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ئويلار
- خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلىسىدە يەنە يېڭى تالاش -تارتىش يۈز بەردى