تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2007.05.09
تەيۋەن بۇ يىل فېۋرالدا، مەخپى ھالدا خىتاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادى بازىلىرىدىن بولغان خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە "دەھشەتلىك بوران 2E" تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. يېقىندا بولسا، تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ، خىتاينىڭ ھۇجۇم قىلىش پىلانىغا مۇئەييەن يوشۇرۇن تەھدىت ۋە زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن
تەيۋەن ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ بۇ پىلانى تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن سىياسىي جەھەتتە روبىرو سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.
ئۆتكەن ئايدا تەيۋەننىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى تۇنجى قېتىم، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغاپ قالسا تەيۋەن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ۋە مەزكۇر بومبىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كومپيۇتېردا تەقلىدى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما تەيۋەننىڭ پوزىتسىيىسى تەيۋەننىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى شەرقى ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى دېننىس ۋىلدېر تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق ھەربىي مۇتەخەسسىس لىن جۇڭبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ بۇ بومبىلىرى، خىتايغا بەك ئەجەللىك تەھدىت سالالمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۇجۇم قىلىش پىلانىغا مۇئەييەن يوشۇرۇن تەھدىت ۋە زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن.
لىن جۇڭبىن مۇنداق دېگەن: "تەيۋەننىڭ بۇ بومبىلارغا ئىگە بولۇشى بىلەن، تەيۋەن سۆھبەت ئۈستىلىدە خىتايدىن قورقماي تۇرۇپ، خىتاي بىلەن سىياسىي ئالاقە قىلىشقا تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە بولىدۇ". ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، سانى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتايدا تەيۋەننىڭ بومبىلىرى خىتايغا بەك ئەجەللىك تەھدىت سالالمىسىمۇ، ئەمما خىتايغا مۇئەييەن قولايسىزلىق تۇغدۇرالايدىكەن.
تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەمىلي كۈچى
لىن جۇڭبىن 2003-يىلىدىن 2004 يىلىغىچە تەيۋەننىڭ ياردەمچى مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر تەيۋەن- خىتاي خەلقئارالىق ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
خىتاي تا ھازىرغىچە تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇيدىغان بولۇپ، تەيۋەنگە "ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا ھۇجۇم قوزغايمىز" دەپ تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر تەيۋەنگە قارىتىپ قويۇلغان 988 دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس،تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە" تەيۋەن بوغۇزىدا ھەرگىز توقۇنۇش يۇز بەرمەسلىكى كېرەك" دەيدۇ. ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ "بىر خىتاي" سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا، تەيۋەننى داۋاملىققوغدايدۇ
بىرىنچى ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاچقان خىتاي - ئامېرىكا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون دىمىترى نەگروپونتې، تەيۋەن-خىتاي مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئەمما خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلماقچى بولسا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئۈسكۈنە ۋە باشقا جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: "بۇنداق شارائىتتا تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھۆكۈمىتىمىز تەيۋەنگە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلىدۇ ۋە ئەگەر پرېزىدېنت زۆرۈر دەپ قارىسا ئەسكەرمۇ ئەۋەتىدۇ" دېگەن.
ھازىرغا كەلگۈچە تەيۋەننىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش تەييارلىقلىرى پەقەت مۇداپىئە تۈسىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. لىن جۇڭبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى پەقەت مۇداپىئە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ ھەرگىز ئاۋام خەلققە زەربە بېرىشنى نىشان قىلمىغان ئىكەن.
4- ماي ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەسلىھەتچىلەر يىغىنىدا تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئالىي دەرىجلىك دىپلوماتى ستېففېن ياڭ ستەپھەن يوئۇڭ "تەيۋەن چوقۇم ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئەمەس بەلكى مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوراللارغا بەكرەك ئېتىبار بېرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.
ستېففېن ياڭنىڭ بايانلىرىغا قارىتا، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چىفاڭ، تەيۋەننىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇ "تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىمىز" دەپ ئەسكەرتكەن.
تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا تەقلىد قىلىنغان نامى "خەن گۇئاڭ 23" ( خىتاي شۆھرىتى) دەپ ئاتالغان زور كۆلەملىك، مەخپىي ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھەربىي مانېۋىر كېلەر دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي 5 كۈن داۋام ئېتىدىكەن.
تەيۋەن 2004-يىلى ئىيۇلدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى بىر مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندە 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيى' نىڭ نامى 'تەيۋەن دېموكراتىيە خاتىرە سارىيى' غا ئۆزگەرتىلدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار
- تەيۋەن كېلەر ھەپتە بىر يۈرۈش ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللىمايدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 16 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەيۋەن ھەققىدە مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى
- سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا قالدى
- خىتاي، سانت لۇكىئا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- قىسقا خەۋەرلەر
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (3)
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)