تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ؟
2007.07.09
تەيۋەن سايلام كومىتېتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى يىغىنىدا، كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قانۇن كومىتېتى سايلىمى، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) بىلەن دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ پرېزىدېنت كاندىداتلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا مۇنازىرە باشلىغان. بۈگۈنكى مۇنازىرىنىڭ مەزمۇنى گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە) ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ ؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت بولغان. بۇ بەس -مۇنازىرە تەيۋەندە مىللەتچى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا يۈز بەرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى شې چاڭتىڭ تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە ھاكىمىيىتىنى 'چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت' دېگەن. تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى ما يىڭجۇ 'تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە ھاكىمىيىتىنى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت دېگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسا خىيانەتچى، قابىلىيەتسىز ھۆكۈمەت' دېگەن.
شې چاڭتىڭ: تەيۋەننى ئېتىراپ قىلمىغان ھاكىمىيەت يەرلىك ھاكىمىيەت ئەمەس
تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى شې چاڭتىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى ياپون مەدەنىيىتى تەيۋەن مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى. ئەمما تەيۋەندە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى يەرلىكنىڭ دېگىلى بولمايدۇ.
تەيۋەندە مەۋجۇت بولغانلىكى ھاكىمىيەتنى، تەيۋەننى ئۆزىنىڭ يۇرتى دەپ تونۇمايدىغان، قەدىرلىمەيدىغان ھاكىمىيەتنى تەيۋەننىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تەيۋەندە بۇرۇن مەۋجۇت بولغان ياپون ھاكىمىيىتىمۇ تەيۋەننىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى بولۇپ قالىدۇ. مىللەتچى پارتىيە ھاكىمىيىتىمۇ تەيۋەننىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار تەيۋەننى ئېتىراپ قىلمايدىغان، باشقىلارغىمۇ ئېتىراپ قىلغۇزمايدىغان ھاكىمىيەتلەر.
كىم تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلىرىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇلار ئۇنى 'ئاق تېررور'، 'كوممۇنىست' دەپ ئاتىۋالىدۇ. كىم تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇلار ئۇنى 'مۇستەقىلچىلەر' دەپ ئاتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرىنىپ تۇرمامدۇ؟
ما يىڭجيۇ: تەيۋەندە پەقەت باشقا يۇرتلۇق بار، ئەمما چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت ئاللىقاچان مەۋجۇت ئەمەس
تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى ما يىڭجۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بىكار قىلىنغىنىغا 20 يىل بولۇپ قالدى. تەيۋەن ھازىر دېموكراتىك دۆلەت.
بۇ دۆلەتتە چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت يوق. تەيۋەندە 1996 - يىلى پرېزىدېنت سايلىمى بولغاندا، تەيۋەن خەلقى بىزنىڭ مىللەتچى پارتىيىمىزنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى لى دېڭخۇينى سايلاپ چىققان ئىدى. تەيۋەندە خەلق سايلاپ چىققان ھۆكۈمەت قانۇنلۇق ھۆكۈمەت.
ھازىر تەيۋەندە پەقەت باشقا يۇرتلۇق بار، ئەمما چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت ئاللىقاچان مەۋجۇت ئەمەس.
ما يىڭجۇ: بىز جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن سۆز تارىختا تەيۋەن خەلقىغە زور ئىلھام بولغان ئىدى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇنازىرىدە يەنە، مىللەتچى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى ما يىڭجۇ تارىخىي شەخسلەردىن جياڭ ۋېيشۇي مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، جياڭ ۋېيشۇي ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا تەيۋەندە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن شەخس. ياپون ئىشغالىيىتىدىكى سوتتا، ئۇنىڭ 'بىز جۇڭخۇا مىللىتى' دېگەن سۆزى خەلققە زور ئىلھام بولغان ئىدى.
بۇ ئەرباپ شۇ ۋاقىتتا ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەيۋەننىڭ قانداق رول ئوينىشى لازىملىقىنى، تەيۋەندە تىنچلىق ئەمەلگە ئاشسا ئۇنىڭ پۈتۈن شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ياپونغا قارشى تۇرۇشتا جۇڭخۇا مىللىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن جۇڭگو بىلەن بىللە تۇرىدىغان بۇنداق ھاكىمىيەتنى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەت دېگىلى بولمايدۇ.
شې چاڭتىڭ: چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتلەر تەيۋەندە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بۇيىچە سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە
تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى شې چاڭتىڭنىڭ كۆز قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تارىخىي شەخس قۇرغان پارتىيە ياپون ئىشغالىيىتى تەرىپىدىن 1931 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى كېيىن مىللەتچى پارتىيە تەرىپىدىن جازالاپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .
دېمەك، بۇ تارىخىي شەخس ياپون ئىشغالىيىتى شارائىتىدىمۇ، مىللەتچى پارتىيە ھاكىمىيىتى شارائىتىدىمۇ ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شەخس، يەنى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتلەر شارائىتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شەخس. ياپونغا قارشى تۇرغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلغان بۇ تارىخىي شەخسنى تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن تىلغا ئالمايتتى، تەيۋەننىڭ دەرسلىك كىتابلىرىغىمۇ كىرگۈزمىگەن ئىدى.
ئەمدى نېمىگە كېرەك بولۇپ قالدى؟ چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتلەر تەيۋەندە ھامان قانداشلىق مۇناسىۋىتى بۇيىچە سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە. 'بىز سېرىق پادىشا ئەۋلادى' دېگەن سىياسەت مانا بۇنىڭ ئىپادىسى، تەيۋەننى ئېتىراپ قىلمىغانلىق.
بۈگۈن تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش ھەققىدىمۇ مۇنازىرە باشلانغان
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە بۈگۈن يەنە، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش ھەققىدىمۇ مۇنازىرە باشلانغان.
بۇ تەيۋەننىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر سەزگۈر مەسىلە، بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ غەزەپلىنىدىغان مەسىلە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'كە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزىسى
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)