مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى
2007.08.16
تەيۋەن مەسىلىسى مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا قالدى. ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، سولمون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق 15 ئارال دۆلىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ھەققىدە قويغان تەكلىپى، 61 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان خىتاي ۋەكىلى ۋاڭ گۇئاڭيا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. سولمون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەتلەر مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ لايىھىنى 62 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ تەكلىپكە يەنە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
چېن شۈيبيەن: بان كىمۇن ب د ت نىڭ پادىشاھى ئەمەس
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىرجىنىيا فوكىس خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە " تەيۋەن خەلقى دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن يۈزدە-يۈز پىرسەنت بەھرىمان بولىدۇ. ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش' دېگەن دېموكراتىيىنىڭ كام بولسا بولمايدىغان قائىدىسى، دېموكراتىيىنىڭ قىممىتى پۈتۈن دۇنيادا ئوخشاش، بۇنىڭغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ، بان كىمۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ پادىشاھى ئەمەس، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى 23 مىليون تەيۋەن خەلقى ئۆزى بەلگىلەيدۇ" دەپ جاكارلىدى.
ب د ت نىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىدا 'جۇڭگو' نىڭ چېگرىسى بېكىتىلمىگەن
'بىرلەشمە گېزىتى' نىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولتون ئەپەندى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خەلقئارا دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا تۈزۈم ئۆزگەرتىش دىپلوماتىيىسى ۋە ئامېرىكا -تەيۋەن مۇناسىۋىتى' دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا "ئامېرىكا دەرھال تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن تەيۋەننى قوغدىيالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
بولتون ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولغانلىقىغا ئەپسۇسلانغان. بولتون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىدا ھېچقاچان 'جۇڭگو' ھەققىدە تەبىر بېرىلمىگەن ياكى 'جۇڭگو' دېگەننىڭ چېگرىسى بېكىتىلمىگەن. تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى تەيۋەن خەلقى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك، تەيۋەندە پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇشىنى ھېچكىم توسالمايدۇ.
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيىنى باستۇرۇپ، خەلقئارادا بولسا دېموكراتىيىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى خۇئاڭ ۋېيفېڭ بۈگۈن مۇھاجىرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق بىرلەشمىسى دېگەن تەشكىلاتنىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇپ، خەلقنى قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارادا دېموكراتىيە قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن خوڭكوڭ، ماكاۋ مەسىلىسىدە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ 'دۇنيانى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش' قانۇنىدىن پايدىلاندى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بۇ جايلاردا دېموكراتىيىنى يولغا قويمايۋاتىدۇ. خەلقئارادا تەيۋەننى پۈتۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن سىقىپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. تەيۋەنگە قارىتا بولسا، 'پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەش' دېگەن ئەڭ مۇھىم دېموكراتىيە پرىنسىپىنى يولغا قويۇشقا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر ھەددىدىن ئېشىپ، ئامېرىكىنىڭ 'بىر جۇڭگو' دېگەن سىياسىتىگە ئۆزى خالىغانچە تەبىر بېرىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ. تەيۋەن ھازىر مۇھىم ھەل قىلغۇچ پەيتكە كېلىپ قالدى. تەيۋەن بىلەن خىتاي بىرلىشەمدۇ، ياكى ھازىرقىدەك يا ئۇرۇشماي يا تىنچلىقتا بىللە تۇرمايدىغان ھالەتنى ساقلاپ قالامدۇ، مۇستەقىل بولامدۇ ياكى مۇرەسسە قىلامدۇ، بۇنى تەيۋەن خەلقى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك.
خۇئاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىدا ئەسلىدە پەقەت جاڭ كەيشى ۋەكىللىك قىلغان جۇڭخۇا مىنگونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ئۇنىڭدا تەيۋەن توغرىسىدا ھېچقانداق بىر تەبىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى ئۆزى قارار شەكلىدە بىر ھۆججەت چىقىرىپ، تەيۋەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى دېگەن ئۇقۇمدا چۈشەندۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ئەمدى 2758 - نومۇرلۇق قارار توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىنى توغرىلىشى كېرەك.
شې چاڭتىڭ: ئىككى دۆلەتتە بىرخىل تۈزۈم يولغا قويۇش كېرەك
'مەركىزى ئاگېنتلىقى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتىدە، بۈگۈن، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت كاندىداتى شې چاڭتىڭ ئەپەندى كوممۇنىست خىتاينىڭ 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يولغا قويۇش' دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى ھالدا ئىككى دۆلەتتە بىرخىل تۈزۈم يولغا قويۇش' دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتتە ئوخشاشلا بىرخىل دېموكراتىك تۈزۈم بولۇشى كېرەك، بۇ ھازىر دۇنيادا خىتاينى سىنايدىغان بىر مۇھىم ئىمتىھان، دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھالەت - تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىيە
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'كە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزىسى
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)