تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان قايسى تەرەپ؟
2007.10.02
10 ئاينىڭ 1 - كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم جىددىي 'ئاغزاكى جەڭ' يۈز بەردى.
تەيۋەن ئېلان قىلغان قارار ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مىنجىنداڭ(دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى) يەكشەنبە كۈنى ئاچقان ئومۇميىغىندا، بۇرۇن يۇقىرى قاتلامدا بىرلىككە كەلگەن "تەيۋەننىڭ نورمال دۆلەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارار" لايىھىسى رەسمى ماقۇللانغان. بۇ قاراردا تەيۋەندە توغرا نام قوللىنىش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىشتەك دېموكراتىك قەدەملەرنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى نامايەن قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتتا "تەيۋەن بىلەن خىتاي 1949 - يىلىدىلا ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ باققىنى يوق ، تەيۋەنمۇ خىتايغا بىر سىنت باج تۆلىگىنى يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئىزچىل ھالدا تەھدىت سېلىپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپ كەلمەكتە. پەقەت تەيۋەننىڭ نامى چەت تىللاردا 'جۇڭگو' دېگەن مۇجىمەل نام بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەچكىلا، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئورنى 1971 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان ، بۇ بىر رىئاللىق' دەپ كۆرسىتىلگەن.
ۋېن جياباۋ: چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش باياناتى بىر خەتەرلىك قەدەم
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ، چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش باياناتى ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان تەھدىت، بىر خەتەرلىك قەدەم . ئەمدى دۆلىتىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، تەيۋەنگە قارىتا خۇددى خوڭكوڭ، ماكاۋلارغا ئوخشاش تولۇق ئاپتونومىيە سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
تەيۋەن مۇستەقىللىقى يېڭى شۇئار ئەمەس
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق جىددىيلىك توغرىسىدا، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزور ئېلان قىلدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان پارتىيە. گەرچە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا، بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەت نامىنى تەيۋەن دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتىش كېرەك، دېسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تەيۋەن ئۆزىلا بۇرۇندىن تارتىپ نورمال دۆلەت دەيدىغان، ئاتاشتا بىر-بىرىدىن ئازراق پەرق قىلىدىغان ئىككى خىل كۆز قاراش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق شۇئارىدا چوڭ پەرق يوق . بۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ مۇشۇ شۇئارى بىلەن تەيۋەن خەلقىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىپ ھوقۇق تۇتقان. بۇ پارتىيىنىڭ ھازىرقى قارارىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت، ئۇ يېڭى شۇئار ئەمەس. ئەمما كوممۇنىست خىتاي بىلمەسكە سېلىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەنە قەستەن چاتاق چىقاردى. خىتاي بۇنى 17- قۇرۇلتايدىكى ھوقۇق تالىشىشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ، مەيلى خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرى بولسۇن ياكى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بولسۇن، ياشلار ئىتتىپاقىچىلار بولسۇن ياكى تۇغۇلما كوممۇنىست بەگلىرى بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي كوممۇنىست دەپ ھوقۇق تالىشىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنى دېموكراتىيىچى دەۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىر ئامېرىكىنى تىللىيالمايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن قىلىدىغان سودىسى بار، ھازىر كونا گەپنى يەنە تەكرارلاپ تىللىيالايدىغىنى پەقەت تەيۋەندىنلا ئىبارەت.
خۇ جىنتاۋ خىيانەتچىلەرنىڭ خوجايىنى بىلەنمۇ بىرلىكسەپ تۈزمەكتە
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جا چىڭلىن ئەسلىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچى-چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ خوجايىنى ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ پەقەت تەيۋەن مەسىلىسى ئۈچۈنلا، ئۇنى داۋاملىق ھوقۇق بېشىدا قالدۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى ھازىر خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەيۋەن مەسىلىسى جىددىي مەسىلە، تەيۋەنگە قارىتا بىرلىكسەپ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. ئىچكى قىسىمدىكى خىيانەتچى-چىرىكلەر بىلەنمۇ بىرلىكسەپ تۈزۈش ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋغا جا چىڭلىن كېرەك.
تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش 17 - قۇرۇلتاينىڭ ئېھتىياجى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر تەيۋەننى مازۇ ئارىلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوشۇنى قۇرىۋاتىدۇ، بۇ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغانلىق، دەۋاتىدۇ. كوممۇنىست خىتاينىڭ 1000 دانا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەيۋەننى قارىغا ئېلىۋاتقانلىقى ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغانلىق بولماي، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىماقچى بولغانلىقى ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغانلىق بولامدىكەن؟ شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدىكى، خىتاي بۇ قېتىم يەنە قەستەن چاتاق چىقىرىپ جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق جىددىيلىك كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ئاخىرلاشقاندا جىمىپ قېلىشى مۇمكىن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش' نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى
- خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلىسىدە يەنە يېڭى تالاش -تارتىش يۈز بەردى
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختىدە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتى
- مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھالەت - تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىيە
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ؟