تەيۋەن مۇتەخەسسىسى ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدسىز قارىدى


2006.03.27
chenshuibian.jpg
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 28-فېۋرال كۈنى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە. AFP

ئىككى قىرغاق مەسىلىسى بويىچە داڭلىق تەيۋەن مۇتەخەسسىسى ياڭ نيەنزۇ يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى كارنىگى خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىدە بايانات بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىللاردىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ما يىڭجيۇنى، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولۇش پاراسىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ كۆرسەتتى

ياڭ نيەنزۇ تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت تەتقىقات كېڭىشىنىڭ باش سېكرېتارى بولۇپ، ئۇ 23‏- مارت كۈنى كارنىگې خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىدە 1996‏- يىلىدىكى تەيۋەن باشقۇرىلىدىغان بومبا كرىزىسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى تەيۋەن بوغىزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئاساسىي تېما قىلىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ھەمدە ئىككى قىرغاق مەسىلىسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. ھەتتا بۇ يىغىنغا يەنە ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ كەلگەن.

خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسىنى پەيدا قىلغان

1996‏- يىلى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تەيۋەن بوغىزىنىڭ ئەتراپىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ يەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسىنى پەيدا قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىس ياڭ نيەنزۇنىڭ قارىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى يۈز بەرگەن 10 يىلدىن بۇيان تەيۋەن بوغىزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلاپ ماڭغان.

ياڭ نيەنزۇ بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپنىڭ بارغانسېرى چوڭېيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى ھەمدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، شۇ سەۋەبتىن ھازىر تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيىتىدىكى پائالىيەت دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ

بۇرۇن ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبەت چوقۇم تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت قانىلى بولماسلىق ناھايىتى نورمال بولمىغان بىر ئەھۋال. يەنە بىرسى، خىتاي تەرەپ بىر نەرسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا شۇ مەسىلىنىڭ نەتىجىسىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھەممىلا ئىشنىڭ جەريانىغا ئاساسەنلا ئىنكاس قايتۇرسا مۇۋاپىق بولمايدۇ.

ياڭ نيەنزۇ يەنە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى قىرغاق مەسىلىسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس ياڭ نيەنزۇ يىغىندىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ھەممىدىن مۇھىمى ئالدى بىلەن تەيۋەن ئۆزىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىششى مۇمكىن. بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى تەيۋەندە ئوچۇق مۇلاھىزە قىلىنىشقا باشلانسا، بۇ خىتايدىكى قورال ئىشلىتىش ئېقىمىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ دېگەن گەپ"

ياڭ نيەنزۇ سۆزىدە يەنە، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا بۇ، خىتاينىڭ ئاخىرقى قىزىل سىزىقىغا يېتىپ تەيۋەن ۋەزىيىتىنى پەرەز قىلىش تېخىمۇ تەس بولۇدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياڭ نيەنزۇ يەنە، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە بېيجىڭ تەرەپنى تەيۋەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇنچىۋالا سەزگۈر بولۇپ كەتمەسلىككە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇرۇن ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبەت چوقۇم تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت قانىلى بولماسلىق ناھايىتى نورمال بولمىغان بىر ئەھۋال. يەنە بىرسى، خىتاي تەرەپ بىر نەرسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا شۇ مەسىلىنىڭ نەتىجىسىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھەممىلا ئىشنىڭ جەريانىغا ئاساسەنلا ئىنكاس قايتۇرسا مۇۋاپىق بولمايدۇ".

خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىش

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى تەيۋەن مۇستەقىللىقى نىزامىدىن ۋاز كەچسىلا، ئاندىن خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە كېڭىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىنمۇ يېقىندا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان زاتلار بىلەن غەيرىي رەسمىي ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياڭ نيەن زۇ ئەپەندى بۇ ئالامەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولغان ئىشىكنى تېخى يېپىۋەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لېكىن بىر قىسىم ئانالىزچىلار ھازىر خىتاينىڭ تەيۋەنگە تۇتۇۋاتقان يۇمشاق سىياسەتلىرى بەكلا يۇمشاق، قاتتىق سىياسەتلىرى بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەسىلەن، قاتتىق سىياسەت دېگەندە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا چىقارغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى"، يۇمشاق سىياسىتى بولسا، خىتاينىڭ تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى ۋە ئۇلارغا مۈشۈك ئېيىق سوۋغا قىلىشى قاتارلىقلار.

ياڭ نيەنزۇ ئەپەندى خىتاينىڭ قاتتىق سىياسەت قوللىنىشىنىڭ ئەسكىچە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"يۇمشاق سىياسىتىنىڭ بەك يۇمشاق بولۇپ كېتىشى، خىتاينىڭ يۇمشاق سىياسىتىگە تېخىمۇ ئىشەنچ باغلىغانلىغىدىن بولىدۇ. ئەمدى قاتتىق سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ كېتىشى، تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ قويىدۇ".

تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ما يىڭجيۇ ھەققىدە توختالغان ياڭ نيەنزۇ، ئۇنىڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇش پاراسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىشلىرىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ھەمدە كونكرېت سىياسەت ئوتتۇرىغا قويالماسلىقىنىڭ ما يىڭجيۇنىڭ ئاساسلىق يېتەرسىزلىكلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.