د ئۇ ق رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختىدە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشتى
2007.09.03
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى باش شىتابى بېريۇسېلسدا بولغان چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلسقا بېرىپ، تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىش ھەرىكىتىنى باشلاش يىغىنى ۋە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان.
پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەيۋەنگە ياردەمدە بولۇشى كېرەك
بۇ يىغىنغا كۆپلىگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، تەيۋەننىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى ۋە باش شىتابى نيۇيوركتىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە كۆپلىگەن مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلغان.
يىغىندا تەيۋەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تونۇتۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرىمۇ كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن.
يىغىندا ئالدى بىلەن تەيۋەننىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە بېلگىيىدىكى باش ئەلچىسى سۆز ئېلىپ، تەيۋەننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، ب د ت غا ئەزا بولۇش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر 28 دۆلەتنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دېپلوماتىك ئەلچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تەيۋەننى بارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، بارلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى زۆرۈرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن سۆزگە چىققان لىبېرال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇلى بوكا ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتكە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
"شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلىقلىرى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە"
تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرىلەردىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سوئال - جاۋاب ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەيۋەننىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى ھەم بېريۇسېلسدىكى باش ئەلچىسىگە سوئال قويۇپ: " ئەگەر تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرسە ۋە كېلەچەكتە مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارامدۇ ياكى ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ مۇستەقىل ياشاش ھەققىگە ئىگە دۆلەتلەر دەپ قارامدۇ؟" دېگەن.
تەيۋەن باش ئەلچىسى جاۋاب قايتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل كەلگۈسى يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاش ھەرىكىتىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باشلاش
يىغىندا تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى قوللاش ھەرىكىتىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باشلاش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنغان ۋە ب د ت باش كاتىپىغا قارىتا ئوچۇق خەت يېزىلغان. پۈتۈن خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى قوللاش سەپەرۋەرلىكىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مۇراجىتى ئېلان قىلىنغان.
يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ۋە خەلقئارادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان. ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇندىن كېيىن ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر ئارىغا كەلگەن. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى خەلقئارادا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى
- تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرەلەمدۇ؟
- دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ھالەت - تېز تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىيە
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى چەتتىن كەلگەن ھاكىمىيەتمۇ ياكى يەرلىك ھاكىمىيەتمۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- چېن شۈيبيەن: ھاياتلىقىمدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرەلىشىم مۇمكىن
- تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەننى 'تەيۋەنلەشتۈرۈش'كە ئۆزگەرتكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزىسى
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار
- تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)