تەيۋەننىڭ يېڭى سىياسىتى: خىتاي بىلەن بىرلەشمەسلىك، تەيۋەنمۇ مۇستەقىل بولماسلىق، ئىككى تەرەپ قورال ئىشلەتمەسلىك
2008.03.24
تەيۋەندە 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش لايىھىسى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشتا ماقۇللانمىدى. سايلامدا تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گومىنداڭ پارتىيىسى كۆرسەتكەن پرېزىدېنت نامزاتى ما يىڭجۇ ئەپەندى %58 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قازاندى.
ما يىڭجۇ ئەپەندى ھازىر ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىتىنى ئىخچام قىلىپ 'بىرلەشمەسلىك، مۇستەقىل بولماسلىق، قورال ئىشلەتمەسلىك' تىن ئىبارەت دەپ جاكارلىدى. 23 - مارت كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ما يىڭجۇنىڭ تەيۋەننىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. مايىڭجۇ ئەپەندىمۇ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلاشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ما يىڭجۇ ئۆزىنى ياپونىيىگە قارشى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلاشقۇچى، دېدى
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ما يىڭجۇ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى خىتاي بىلەن بىرلەشمەسلىك، تەيۋەن ئۆزىمۇ مۇستەقىل بولماسلىق، ئىككى تەرەپ قورال ئىشلەتمەسلىك' تىن ئىبارەت دەپ جاكارلىدى ۋە رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
'خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ما يىڭجۇنى ياپونىيىگە قارشى تەرەپ' دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ياپون ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۈگۈن ما يىڭجۇ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ما يىڭجۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياپونىيىگە قارشى تەرەپتىكى ئادەم ئەمەس، بەلكى ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا 5 - ئايدىن بۇرۇن ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي باياناتچىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ما يىڭجۇنى تەبرىكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
شىنخۇئا تور بېتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 23 - مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى تەكىتلەش ۋە 'دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن ئۇنىڭ بىر قىسمى'دېگەن سۆزنى قايتىدىن تەكرارلاش ئارقىلىق، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ما يىڭجۇغا يوللىغان تەبرىكنامىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى. جورج بۇش تەبرىك سۆزىدە، ما يىڭجۇ تىنچلىق جەھەتتە يېڭى پۇرسەتلەرگە ئىگە بولىدۇ، دېگەن ئىدى.
ما يىڭجۇنىڭ قارىشىچە، ئەمدى تەيۋەن رەھبەرلىرى خىتاينىڭ تەھدىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ، يېقىندا ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ما يىڭجۇ ئەپەندى 23 - مارت كۈنى چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تەيۋەن ئاسىيا ئۈچۈن بىر دېموكراتىيە مەشئىلى، دېگەن ئىدى. شۇنداقلا، ما يىڭجۇ تەيۋەنگە پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق جەھەتلەردە يېڭى پۇرسەتلەرگە ئىگە بولىدۇ، دەپ ئېيتقان.
ما يىڭجۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تەيۋەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ناھايىتى مۇھىم، بىز ھازىر خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار، يەنى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار، ئەمما تەيۋەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ھېچقاچان خىتاي بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدۇ، بىر جۇڭگو دېگەن رامكا ئىچىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى بايان قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى تەڭ - باراۋەر دەپ قارىغاندا، ئاندىن مەسىلە ھەل بولىدۇ، دېدى. ما يىڭجۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سالغانلىقىمۇ تەيۋەن ئۈچۈن بىر پۇرسەت، بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەن رەھبەرلىرى خىتاينىڭ تەھدىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ.
خىتاي ئەگەر تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەيدۇ
ئەمما، ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇڭ جېنيۇئەن ئەپەندى ما يىڭجۇ ھەققىدە ئۆزگىچە كۆز قاراشتا، ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا ھازىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولسىمۇ، ئەمما ما يىڭجۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قادىر دېگىلى بولمايدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ما يىڭجۇ ئەپەندى 23 - مارت كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ئالدى بىلەن تەيۋەنگە قارىتا تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا، تەيۋەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارمايدۇ، دېگەن.
تەيۋەن ھېچقاچان تىبەت ياكى خوڭكوڭ ئەمەس
ما يىڭجۇ ئەپەندى تىبەت مەسىلىسىدە توختالغاندا، تىبەت چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جاي، تەيۋەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا تەيۋەنگە تىبەت، خوڭكوڭلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، دېدى.
خىتاي ئەگەر تىبەتنى باستۇرىۋەرسە، تەيۋەن تەنھەرىكەتچىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىلمەيدۇ
ما يىڭجۇ ئەپەندى ئولىمپىك مەسىلىسىدە توختالغاندا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئېزىپ، تىبەت ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرسە، مەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەيۋەن تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئەۋەتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشۇم مۇمكىن، دېدى.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ما يىڭجۇ ئەپەندى 1950 - يىلى خوڭكوڭدا تۇغۇلغان، بىر يېشىدىن باشلاپ تەيۋەندە چوڭ بولغان. 1974 - يىلىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1981 - يىلى تەيۋەننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى جاڭ جىڭگوغا ئېنگىلىزچە كاتىپ بولغان. 1993 - يىلى تەيۋەننىڭ قانۇن مىنىستىرى بولغان. ما يىڭجۇ ئەپەندى 008 - 2يىلى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ سايلامدا غەلىبە قازاندى. ( ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر زوراۋان گۇرۇھ، ئۇ تىكلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ نومۇسسىز يالغانچى
- تۆت دۆلەتتىكى سايلام ھەققىدە سېلىشتۇرما مۇلاھىزە
- ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى 2008- يىللىق دوكلاتى ئىنكاس قوزغىدى
- رۇسىيە يېڭى دەۋر - مېدۋېدېۋ باسقۇچىغا كىردى
- پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كېلەلمىدى
- بەنەزىر بۇتتونىڭ پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشتى
- پاكىستان سايلىمىدا كۆپ كىشى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشالمىدى
- گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى سايلام ئۆتكۈزدى
- تەيۋەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتالغۇلىرى دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىلدى
- بىر تۈركۈم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: " تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى خىتاي ئەمەس، تەيۋەن خەلقى بەلگىلىشى كېرەك"
- گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەجرىبىسىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
- قىرغىزىستان پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەكىلى - پەرھات ھاجى