تەيۋەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتالغۇلىرى دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىلدى


2008.02.14

بۈگۈن ب ب س نىڭ تەيۋەندىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزگەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرى لايىھىسىدىن 'جۇڭگو تىلى'، 'جۇڭگو يېزىقى'، 'جۇڭگو مەدەنىيىتى' دېگەندەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتالغۇلىرى تازىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن.

تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتى تەيۋەننىڭ 'تىل-يېزىقتا تەڭ-باراۋەر بولۇش قانۇنى' غا ئاساسەن، تەيۋەننىڭ يەرلىك تىلىنىڭ 'دۆلەت تىلى'، تەيۋەنگە كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ تىلىنىڭ 'جۇڭخۇا تىلى'، 'جۇڭخۇا يېزىقى' جۇڭخۇا مەدەنىيىتى' دەپ ئاتىلىشى كېرەكلىكىنى، سۈن جۇڭسەننى 'دۆلەت ئاتىسى' دەپ ئاتاشنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن تەيۋەندە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر تۈركىيىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇلاھىزىسىدە تەيۋەندە داۋاملىشىۋاتقان 'جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش' ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇلاھىزىسىدە، تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجرا قىلىدىغان قانۇنى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تىل -يېزىق كومىتېتىنىڭ ئىجرا قىلىدىغان قانۇنى ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.