چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
2007.10.29
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەيۋەندىكى ئاتاقلىق لوڭيىڭتاي ۋەخپىدە لېكسىيە بەردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" تېمىسىدا، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاتاقلىق لوڭيىڭتەي ۋەخپىدە بولسا چېچەن مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ناملىق لېكسىيىسىگە تەيۋەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلىرى ۋە باشقا ئىدارە جەمئىيەتلەردىن كەلگەن كىشىلەردىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
در. ئەركىن ئەكرەم بۇ لېكسىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش تارىخىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان. ئەركىن ئەكرەم لېكسىيىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنىڭ ئالدىنى توسايدىغان ئىككى مەسىلىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەرشارلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
لېكسىيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەن بەزى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەنلىرىنى مىسال كۆرسىتىپ تۇرۇپ در. ئەركىن ئەكرەمگە سوئاللارنى سورىغان. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھازىر تەيۋەندە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 7- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات يىغىنى تەيۋەندە ئېچىلدى
- خەلقئارانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈلگىسى گېتلېر گېرمانىيىسى بولامدۇ ياكى جەنۇبىي كورىيىمۇ؟
- " مۇستەقىللىق تەڭرى ئاتا قىلغان ھەقتۇر"
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارار لايىھىسى ماقۇللىدى
- تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان قايسى تەرەپ؟
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
- تەيۋەن، بېيجىڭنى تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى
- كانادا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك