تەيۋەن ئومۇم خەلق رايىنى سىناشتا غەلىبە قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ


2007.12.12

ئامېرىكا تەيۋەن ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى Raymond Burghardt "تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان رايى سىناش غەلىبە قىلسىمۇ ، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا تەيۋەن ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى Raymond Burghardt تەيۋەننى زىيارەت قىلدى ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ھەمدە تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى شې چاڭتىڭ بىلەن گومىنداڭ پرېزىدېنت نامزاتى ما يىڭجۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندامى يەنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

Burghardt سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندامىنىڭ كېلەر يىلى سايلىنىدىغان يېڭى پرېزىدېنت ئۈچۈن پايدىلىق بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەننىڭ ئومۇمىي خەلق رايىنى سىنىشى غەلىبە قىلسا ، يېڭى پرېزىدېنت ئىككى قىرغاق مەسىلىىسنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندامى نۇرغۇن كېلىشمەسلىكلەرگە يول ئاچىدىكەن. ئامېرىكا تەرەپ بولسا تەيۋەننىڭ رېفىراندامدىن غەلىبە قىلىشى تۈپەيلى بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.