0:00 / 0:00
بېشكەك شەھىرىنىڭ تارىخىي مۇزېي زالىدا، قىرغىزىستاندىكى خەلق ۋەتەنپەرۋەرلەر ھەرىكىتى مەركىزى كېڭەش ئەزالىرىدىن ئەزىزە ئابدۇرۇسۇلوۋا، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنبەگ ئاخۇنوپلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىمالىت ئوسسىتىيىدە يۇز بەرگەن تەررولۇق ۋەقەسى بىلەن قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. تەپسىلاتىنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇ تەييارلىغان پروگرامدىن ئاڭلاڭ.