تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى سىياسىي مەھبۇس روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان
2006.02.23
تيەنئەنمېن ھەرىكىتى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بولغان 17 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە تۈرلۈك قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ژورنالىست ۋە دېموكراتىك پائالىيەتچى يۈ دوڭيۆ نېرۋا جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى 22-فېۋرال چارشەنبە كۈنى تۈرمىدىن تۇيۇقسىز قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ھەمدە خۇشال بولغان. ئەمما يۈنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.
سالامەتلىكتىكى تىز ئۆزگىرىش
بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۈ دوڭيۆنىڭ سىڭلىسى، ئاكىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 2 لەردە ئىنىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇنەندىكى ئۆيىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۈ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تونىمىغان ھەمدە نېرۋىسى بىنورمال بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان ھالەتتە ئىكەن:
"ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمايدۇ. ئۇ بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ، نۆۋەتتىكى شارائىتقا ئازراق كۆنگەندىن كېيىن، ئاندىن بىز ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز".
يۈ دوڭيۆنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈنىڭ ھازىرقى ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن:
"ئۇ ھازىر خۇددى 3-4 ياشلىق بالىلاردەكلا، نېمە ئىش بولسا گەپ قوشۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ باقىدۇ. كىچىك بالىلاردەكلا بولۇپ قاپتۇ".
38 ياشلىق يۈ دوڭيۆ ئۆزىنىڭ يېشىغا لايىق كېلىدىغان نورمال تەپەككۈر ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇخبىرلارنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشىنى خالىمىغان. ئۇنىڭ سىڭلىسى، "ئاكام بەرىبىر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ بىر مەزگىلگىچە ھازىرقى شارائىتقا كۆنۈۋالمىسا بولمايدۇ" دەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋال
يۈ دوڭيۆ ئىلگىرى خۇنەننىڭ ليۇياڭ ناھىيىسىدىكى "ليۇياڭ گېزىتى" نىڭ سەنئەت تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1989- يىلى 5-ئايدا ليۇياڭ ناھىيىسىدىكى تەنتۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈ جىجيەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ خادىمى لۇ دېچىڭلار بىلەن بىرگە بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەمدە 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تيەنئەنمېندە ماۋ زېدوڭنىڭ رەسىمىگە سىيا قۇتىسى ئاتقان. تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئاچلىق ئېلان قىلىپ تىنچ يولدا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ 3 ئىنى ماۋ زېدوڭنىڭ رەسىمىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى بىلەن ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. نەتىجىدە تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 1989- يىلى 6-ئاينىڭ 30 - كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى " ئەكسىلئىنقىلاپچىلىق قىلغان ھەمدە شۇنىڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان" دېگەن جىنايەت بىلەن بۇ 3 ئىچىنى تۈرمىگە تاشلىغان. يۈ جىيەنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يۈ دوڭيۆگە 20 يىللىق قاماق جازاسى، لۇ دېچېڭغا بولسا 16 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۈ دوڭيۆدىن بۇرۇن تۈرمىدىن چىققان لۇ دېچېڭ ھازىر تايلاندقا قېچىپ كېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ 2001- يىلى يۈ دوڭيۆنى كۆرۈش ئۈچۈن خۇنەندىكى 1- تۈرمىگە بارغاندا، ئۇلار يۈنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالغان. چۈنكى ئۇنىڭ روھى ھالىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە توختىماي سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان. شۇنداقلا يۈمۇ ئۇلارنى تونۇيالمىغان.
خىتاي تۈرمىسىدىن يالداما
لۇ دېچېڭنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يەنە چوڭقۇر تاتۇق بار ئىكەن. شۇنداقلا ساقچىلار ئۇنى قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى تالادا ئىستولبىغا باغلاپ قويۇپ، نەچچە كۈن ئۇدا ئاپتاپقا قاقلىتىپ قويغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ساقچىلار ئۇنى ئىككى يىل ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يالغۇز سولاپ قويغان.
يۈ دوڭيۆنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يۈ ھەتتا 2004 - يىلى تۈرمىگە يوقلاپ كەلگەن ئاپىسىنىمۇ تونۇيالمىغان. يۈنىڭ سىڭلىسى رادىئومىزغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى يۈنى پات-پات يوقلاشقا يول قويمايدىغانلىقىنى، ئەمما يۈنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىگە قارىغاندا كۆپ ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى:
"بىزغۇ ئۇنى بىر نەچچە قېتىملا كۆرۈپ باقتۇق. نېمە دەيمىز ئەمدى، ئۇلار ياخشى-ياخشى دېگەندىكىن بىزمۇ ئىشىنىپتۇق. بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغانتۇق. لېكىن قانداق قىلىمىز ئەمدى. ئامال يوق-دە. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرسا".
يۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر يۈنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئامال بار ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى "سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى جوھن كەم يۈ دوڭيۆنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قويۇپ بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا يۈ دوڭيۆ بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تارتىلغان يۈ جىيەنمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. يۈنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يۈ دوڭيۆ قويۇپ بېرىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يۈ جىجيەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارغان ئىكەن. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى شۇ سەۋەبتىن ئۇنى يەنە ساقچىغا تۇتۇپ كەتكەن. لېكىن ھازىر ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى تېخى نامەلۇم ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ ياۋباڭنى ئاقلىسا، دېڭ شاۋپىڭ ئىنكار قىلىنماي قالامدۇ
- خۇ ياۋباڭنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلمېنتلىرى (1)
- كىشىلىك ھوقۇقنى باسىدىغان ئۆكتەبىر بايرىمى
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(2)
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(1)
- "تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىم كانادادا ئىشلەنمەكچى
- چەتئەللەردىكى خىتايلار 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇمىدى(2)