1989 ‏- يىلىدىكى 4‏- ئىيۇن ۋەقەسىنى ھەل قىلىش مودېلى قانداق بولۇشى كېرەك؟


2006.05.02

يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا داۋاملىشىۋاتقان خىتايچە مۇنازىرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر يېڭى مەزمۇن پەيدا بولدى. ئۇ بولسىمۇ 1989‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنى ھەل قىلىشنىڭ مودېلى قانداق بولۇشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن 15 ياشلىق ئۆسمۈر جۇ گوسوڭنىڭ ئائىلىسىگە، يېقىندا ھۆكۈمەت 70 مىڭ يۈ|ئەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەن. ئۇنىڭ بەدىلىگە بۇ ئائىلە مۇشۇ دېلو ھەققىدە قايتىدىن ئەرىز قىلماسلىققا ۋەدە قىلغان. بۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تيەنئەنمېن ۋەقەسى' مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قەدەم باسقانلىقى بولامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ 'مەسىلىنى ھەل قىلىش مودېلى' شۇمۇ ؟

ھۆكۈمەتنىڭ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش نىيىتى يوق

خىتايدا، گەرچە ھۆكۈمەت ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي ھەرىكەت قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە قانلىق باستۇرۇلغان بالىلىرى ئۈچۈن توغرا يەكۈن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان 'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' تەشكىلاتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى دىڭ زىلىن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ياردەم پۇلى بېرىلگەنلىكى بىر يېڭىلىق. ئەمما جۇ گوسوڭنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلگەن پۇل ھېچقاچان تۆلەم ئەمەس، بەلكى پەقەت تۇرمۇش ياردەم پۇلى. ھۆكۈمەت بۇ پۇلنى بەرگەندە بۇ دېلو توغرىسىدا قايتىدىن ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن ئېنىقكى، ھۆكۈمەتنىڭ تېخىچە 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش نىيىتى يوق.

خۇاڭچى: بۇ دەۋا ئۆلمەيدۇ

دېڭ زىلىن خانىم سۆزىدە جۇ گوسوڭنىڭ ئائىلىسىنىڭ تاللىۋالغان قارارىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا ئۇچۇق تەكشۈرۈش، مۇۋاپىق تۆلەم ئېلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش دېگەن 3 ماددىلىق تەلىپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ھازىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئادۋوكات گو فېيشۇڭ ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىرىش دېگەن يول ئارقىلىق ناھايىتى ئاز بەدەل تۆلەپ، 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنى ھەل قىلىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك.

سىچۇەندىكى 'تەڭرى تور بېتى' دەپ ئاتالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كۆپ سۆزلىنىدىغان بىر تور بېتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەت 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن جو گوسوڭنىڭ ئائىلىسىگە 'تۇرمۇش ياردەم پۇلى' بېرىش يولى بىلەن ۋەقەدە قانلىق باستۇرۇلغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئائىلە -تەۋەلىرىنىڭ ھېسىياتىنى يۇمشۇتۇپ، مەسىلىنى جىمجىت ھالدا يوق قىلىۋېتىشنى ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ 'مودېلى' ئاقمايدۇ. جۇ گوسوڭنىڭ ئانىسى تاڭدېيىڭ خانىمنىڭ ھازىرچە ھۆكۈمەتتىن پۇل ئېلىپ ئالدى بىلەن جاننى ساقلاپ قېلىشنى تاللىۋالغانلىقىنى توغرا بولمىغان دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ دەۋا ئۆلمەيدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.