‏ 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ئانىلىرى بايانات ئېلان قىلدى


2006.05.29

4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 17 يىل بولغان خاتىرە كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، يەنى 28 ‏- ماي كۈنى خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىيە ھەرىكىتى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىكى تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ۋاكالىتەن، بايانات ئېلان قىلىپ، تيەنئەنمىن ئانىلىرىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان داۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر باياناتتا تيەنئەنمىن ئانىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى مەيدانىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تارىخىي ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىشى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەتتا ھەر يىلى مەزكۇر ۋەقەلىكنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، نازارەت قىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەينى چاغدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى مەخپىي ئورۇنلارغا يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا.

باياناتنىڭ مەزمۇنى

تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات جەمئىي 3 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا، مەزكۇر تارىخىي ۋەقە قايتا ئەسلەنگەن ھالدا، ئەينى چاغدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئېنىق سانىنىڭ 250 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى لېكىن بۇ ساننىڭ پۈتۈن ۋەقەلىقتىكى ساننىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر باياناتنىڭ 2 ‏- قىسمىدا تيەنئەنمىن ئانىلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشى كېرەكلىكى، زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تۆلەم ھەققى بېرىشى كېرەكلىكى، ئەمەلىي ئەھۋالنى دۇنياغا ئۆز ئەينى بويىچە ئاشكارىلاش كېرەكلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر باياناتنىڭ 3 ‏- قىسمىدا، تيەنئەنمىن ئانىلىرىنىڭ يېڭى مەيدان ۋە پرىنسىپى تەكىتلەنگەن بولۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەمۇرىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قانۇنىي تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم بېرىشتە، ئۇلارغا سىياسى جەھەتتە شەرت قويماسلىق كېرەكلىكى، شەرتسىز تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

"ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج"

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان " تيەنئەنمىن ئانىلىرىنى تەشكىللىگۈچى دىڭ زىشىن خانىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 4 - ئىيۇندا زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدۇق دەپ، ئۇلارغا تۈرلۈك سىياسىي شەرت- چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھۆكۈمەت ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز دەيدىكەن، ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ، شەرت - چەكلىمە قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى:

"زىيانغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا، بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەقىقەتەن ناھايىتى قىيىن. ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمى تۈرلۈك سىياسىي بېسىم ۋە شەرت ‏- چەكلىمىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئۇنداقتا بىز مىڭ قىيىنچىلىق ھالەتتە بولساقمۇ، ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز ".

خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تيەنئەنمىن ئانىلار ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيا يى "ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى راستىنلا خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىكەن، قۇرۇق گەپنى قويۇپ، ئالدى بىلەن 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئوچۇق ‏- ئاشكارا، ئەركىن ھالدا ماتەم بىلدۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.