خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسى ھەققىدە يەنىلا جىم -جىت بولۇپ تۇرماقتا
2006.06.05

1989 - يىلى 4 ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن تا ھازىرغا قەدەر،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل ھالدا كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،خىتاينىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنىمۇ قەتئىي چەكلەپ كەلگەن. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ مەزكۇر تارىخىي ۋەقەدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىغە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ " دەپ بىلدۈرمەكتە. ئۇلار يەنە" خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە دەسلەپتىكى سۇس كۆز قاراشتىن ھازىرقى ئېتىبارسىز قاراشقا ئۆتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەينى چاغدا دۇنيانى زىل - زىلىگە كەلتۈرگەن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتمەكچى. شۇڭا ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 4 - ئىيۇنغا ئائىت ھەرقانداق سۆزلۈكنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىگە چىقىپ قېلىشىنى قاتتىق چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھەرقانداق خەۋەر بېرىشىگە يول قويماي كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى - ئۆزى ئالدىغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانچە يوشۇرسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قايتا باھا بېرىشكە يەنى مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتتا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكى شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئېنىق بىر مەلۇمات بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا يەنە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا دېموكراتىك يول بىلەن نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقى قاتتىق تەنقىدلىنىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئاللىبۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ھەمدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن 4 - ئىيۇن پائالىيەتچىلىرى تەلەپ قىلغان سىياسىي ئىسلاھاتتى يولغا قويۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
4 - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 89 - يىلى يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن بۇيان، گەرچە بۇ 17 يىل ئىچىدە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئەكسىچە تېخىمۇ زور چېكىنىشلەر يۈز بەرگەن.
خىتايدىكى داڭلىق ئاۋدوكات پۇ جىچياڭ 89 - يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندە بېيجىڭدىكى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. بۇ يىل ئۇ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى سەپداشلىرىغا قول تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى 3 - ئىيۇن كۈنى كەچ تيەنئەنمىن مەيدانىدا يىغىلىشقا چاقىرغان. لېكىن 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەتىگەندىلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
پۇ جىچياڭغا ئوخشاش تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ ماتەم بىلدۈرمەكچى بولغانلار نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىپ، بەزىلىرى مەخپى قولغا ئېلىنغان. مەسىلەن، سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان پروفېسسورى سۈن ۋىنگۇاڭ 2 - ئىيۇن كۈنى پويىز بىلەن بېيجىڭغا بېرىش يولىدا، سەندۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىدا تۇتۇلغان. كېيىن نازارەت ئاستىدا قالغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور سۈن ۋېنگۇاڭ ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قانداق تۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ تا ھازىرغىچە نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى:
"6 نەپەر ساقچى مېنى بېيجىڭغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئاخىرى بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىدا قولغا ئېلىپ جىنەنگە قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە مېنى قاتتىق سوراق قىلدى. ئۇلار مېنى 4 - ئىيۇن كۈنى قويۇپ بەرگىنى بىلەن ئۆيدىن تالاغا چىقىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى. ئۆينىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ساقچىلار بولۇپ ھازىر مەن نازارەت ئاستىدا قالدىم ".
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋر
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور سۇن ۋېنگۇاڭ سۆھبەت جەريانىدا يەنە 17 يىلدىن بۇيانقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
"ئەمەلىيەتتە بۇ 17 يىلدىن بۇيان، خىتايدا، سىياسىي جەھەتتە زور چېكىنىش يۈز بەردى. بۇ جەرياننى بىز خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋر دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنىپ، تور بەتلىرىدە ئەركىن پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇتۇلماقتا. ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلماقتا ".
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاۋدوكات نى يۈلەن خانىم خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئۆي چېقىش ۋە ئۆي كۆچۈرۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. نى يۈلەن خانىم سۆھبەت جەريانىدا بۇندىن 17 يىل ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن سەبداشلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى مەجبۇرىي ئۆي چېقىش ۋە ئۆي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىدە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى :
"89 - يىلىدىن ئىلگىرى، يۇقىرىلاپ ئەرز قىلغۇچىلار سانى ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغلاردا، ھۆكۈمەت ھەر ھالدا ئەرز قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلاتتى. لېكىن ھازىر بولسا بولسا يەرلىك ھۆكۈمەت ئەرز قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق ئۇلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان بولدى. ئۇلار ھەتتا تۈرلۈك ھېلە - مېكىرلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، يۇقىرىنى ئالداپ، پۇقرالارنى خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان بولۇۋالدى ". (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "تيەنئەنمىن ئانىلىرى" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت يازدى
- 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ئانىلىرى بايانات ئېلان قىلدى
- 1989 - يىلىدىكى 4- ئىيۇن ۋەقەسىنى ھەل قىلىش مودېلى قانداق بولۇشى كېرەك؟
- تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى سىياسىي مەھبۇس روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان
- خۇ ياۋباڭنى ئاقلىسا، دېڭ شاۋپىڭ ئىنكار قىلىنماي قالامدۇ
- خۇ ياۋباڭنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىكى دېموكراتىيە ئېلمېنتلىرى (1)
- كىشىلىك ھوقۇقنى باسىدىغان ئۆكتەبىر بايرىمى
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(2)
- خۇ جىنتاۋ راستىنلا خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟(1)
- "تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىم كانادادا ئىشلەنمەكچى