"تيەنئەنمىن ئانىلىرى" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت يازدى


2006.06.01

بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تيەنئەنمىن ئانىلىرىنىڭ 17 يىلدىن بۇيانقى داۋاسىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تيەنئەنمىن ئانىلىرىنى تەشكىللىگۇچى دىڭ زىشىن خانىم يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتىتىغا ئوچۇق خەت يازدى.

تيەنئەنمىن ھەرىكىتىگە قايتىدىن باھا بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىڭ زىشىن خانىم ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت يېزىشتىن بۇرۇن، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋ قاتارلىقلارغىمۇ مەزكۇر داۋا ھەققىدە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۆز قولى بىلەن پوچتا ئارقىلىق زاكاس قىلىپ سېلىۋەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى:

"بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ناھايىتى ئېنىق. مەقسەت ئەڭ مۇۋاپىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۆز ئىرادىمىزنى ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈش. شۇڭا بىز بۇنى ئوچۇق خەت شەكلىدە ئىپادىلەشنى توغرا كۆردۇق. بۇندىن ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە ۋۇ باڭگو قاتارلىقلارغا يازغان ئوچۇق خېتىمىزنى ئۆز قولۇم بىلەن زاكاس قىلىپ پوچتىدىن سېلىۋەتتىم. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تارىخىي ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز".

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ھەتتا ھەر يىلى مەزكۇر ۋەقەلىكنى خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا،ئەينى چاغدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتىن تۈرلۈك شەرت قويۇپ كەلگەن.

1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت يازغان دىڭ زىشىن خانىم مەزكۇر خەتتە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، دىڭ زىشىن خانىم 2004 - يىلى يەنى 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىق خاتىرىلەش كۈنىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس قارار چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق يازغان:

"بىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىزكى، 2004 - يىلى 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارغان. مەزكۇر قاراردا، پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ‏- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكىتلەپ بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتىتى قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر قاراردا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەسىگە تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى شۇنداقلا مەزكۇر ۋەقە تۈپەيلىدىن قاماقتا ياتقانلارنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ تەكىتلەنگەن. پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسى تۈپەيلىدىن چەتئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىشىغا روخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۇرىدىغىنى، شۇ قېتىمقى پارلامېنت يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تيەنئەنمىن ئانىلىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنى شۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكى. بۇ بولسىمۇ بىزدەك ئوغۇل - قىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ھەقىقەت ئۈچۈن توختىماي داۋا قىلىۋاتقان ئانىلارغا نىسبەتەن، مەيلى روھىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ھەققانىيەت جەھەتتە بولسۇن، بىر زور تەسەللى ۋە قوللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ"

دىڭ زىشىن خانىم مەزكۇر ئوچۇق خىتىنىڭ ئاخىرىدا " بۈگۈنكى كۈندە،بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر 4' ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنى ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە خىتاي بىلەن سودا ئالاقە قىلىش " دەپ كۆرسەتمەكتە، پەقەت سىلەرلا بۇ جەھەتتە قاتتىق تۇرۇپ، 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشكە ئايلانمىدى! ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان ۋەقەلىكلەر يەنىلا ھەر كۈنى دېگىدەك خىتايدا يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسىتىۋاتىسىلەر. مەن 17 يىلدىن بۇيان خىتايدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارنىڭ ھەممىسى راست. مەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايمەن" دەپ كۆرسەتكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.