"تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىم كانادادا ئىشلەنمەكچى


2005.07.07
orkesh.jpg
1989-يىلى 19-ماي كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت تيەنئەنمېن مەيدانىدا.

1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۇرۇلىدىغان "تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىم كانادادا سۈرئەتكە ئېلىنماقچى، ئەگەر بۇ فىلىم پۈتۈپ چىقسا، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى بايان قىلىدىغان دۇنيادىكى تۇنجى فىلىم بولۇپ قالىدىكەن.

1989-يىلى خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر يىگىتى ئۆركەش دۆلەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار رەھبىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق دېموكراتىك ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، لېنتىغا ئېلىنماقچى بولغان "تيەنئەنمېن" ناملىق ھېكايە فىلىمنىڭ مەسلىھەتچىسى، يازغۇچى شىن شۆ خامىن زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ، "تيەنئەنمېن" ناملىق فىلىم ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان ئۆركەش دۆلەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.