'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيادا خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1990 - يىلىدىكى سودا مىقدارى 260 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. 2006 - يىلىغا كەلگەندە 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەمدى خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان بىلەن 2010 - يىلىغىچە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا قىلىشنى نىشانلىدى. دېمەك، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، سودا مىقدارى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ئەمما، ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، 1962 - يىلى خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك چېگرا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلغان قېيىن مەسىلە تېخىچە مەۋجۇت. چېگرا مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىر خىتايمۇ، ھىندىستانمۇ بۇ مەسىلىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا. گەرچە ئۇلار بۇ جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشەنمىسىمۇ، بىر-بىرىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر مۇنچە سودا كېلىشىمى ئىمزالاشتى. چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'سۆھبەتلىشىمىز' دېيىشىتى. ئەمما يەنىلا كېلىشەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان، سوغۇقچىلىق يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، چېگرا مەسىلىسىنىڭ بىر ئۈچى تىبەتلەرگە، بىر ئۇچى ئۇيغۇرلارغا چېتىلىپ تۇرۇۋاتسا، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قىزغىنلىقىنى قانداق ئاشۇرۇپ، سودىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ؟
ھازىر ھىندىستاندىكى درامسالا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان تىبەت زىيالىيسى، 'تىبەت ئۇچۇرلىرى ژۇرنىلى'نىڭ مۇھەررىرى داۋا سېرىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت سودا مىقدارىنى نەچچە ئون مىلياردقا يەتكۈزۈشنى نىشانلاۋاتىدۇ. بۇ سودىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي ھىندىىستانغا، ھىندىستان خىتايغا ناھايىتى كۆپ مال چىقىرىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئەندىشە قىلىدۇ. قارىماققا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ سودىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مۇنچە ئوخشاشلىق بار. بۇنداق نوپۇسى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆپ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سودا يەنىلا بەك چوڭ سودا ئەمەس. بۇلاردىكى ئوخشاشلىق پەيدا قىلىۋاتقان سودا قىزغىنلىقىغا چېگرا سوغۇقچلىقى ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسۈتەلمەيدۇ. ئەمما چېگرا مەسىلىسى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
داۋا سېرىن ئەپەندىنىڭ خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان چېگرا مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىچە، تىبەت مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغىچە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ . خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى دېيىلىۋاتقان مەسىلە بۇرۇن تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم مەسىلىسى. ئەينى ۋاقىتتا تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بىلەن ھازىرقى ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە باغلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما بۇلار كېلىشمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، بۇ چېگرا مەسىلىسى پەقەت تىبەت مەسىلىسى ئۈزۈل-كىسىل ھەل بولغاندا ئاندىن ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزسە، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى قويالايدۇ، بەزى مەسىلىدە جىدىدىيلىكنى پەسەيتەلىشى مۇمكىن. ئەمما مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. دېمەك تىبەت مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان باشقا مەسىلىلەرنى، ئۇيغۇرلارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمەن دېگەن گەپتىن گۇمانلانماي بولمايدۇ.
داۋا سېرىن ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلغان تېبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىچە، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ھەرخىل نامايىش قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن تېبەتلىكلەر ئاساسەن ياشلار تەشكىلاتلىرى، ئاياللار تەشكىلاتلىرى ياكى دالاي لاما تۇتقان ئوتتۇرىچە يولغا قوشۇلمايدىغان كۆز قاراشتىكى سىياسىي ئۆكتىچى تەشكىلاتلار . ئۇلاردىن باشقا ، بۇ يىل خىتاي خەلق ئارمىيىسىنىڭ چېگرىدىن ئۆتكەن تىبەتلىكلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە غەزەپ -نەپرىتىنى بىلدۈرىدىغان كىشىلەر ئويۇشتۇرغان نامايىشمۇ بار. بۇ نامايىشلارنىڭ دالاي لاما بىلەن ياكى مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. (ۋەلى)