تېبەت ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ھېسياتى

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتقاندا، چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان تېبەتلىكلەر ھەرخىل سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، 'ئونىنچى مارت نامايىشى' ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق 'خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى'نىڭ دالاي لامانى تېبەتتىن قوغلاپ چىقارغانلىقى ۋە تېبەتلەرنى ئىزچىل باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تېبەتلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىلشات ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھېسياتىنى بايان قىلدى. بىڭتۇەندە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىلشات ئەپەندى تېبەتلەرنىڭ 'ئونىنچى مارت نامايىشى' دا ئىپادىلىگەن ئەمەلىيىتىدىن ‏‏- زۇلۇمنى ئۇنۇتماسلىق، ئۆز - ئارا زىچ ئىتىپاقلىشىش، باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەن.

تېبەتلەرنىڭ ئوبرازلىق تەسۋىرى‏‏- "تېبەتلەر يالغانغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ، لېكىن خىتاي ھەر دائىم راستىن گۇمان قىلىدۇ"

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ تېبەت ئاپتونوم رايون شۇجىسى جاڭ چىڭلى "دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد يوق، چۈنكى ئۇ تېخىچە مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمىدى، ئۇ يەنە تېخىمۇ چوڭ تېبەت قۇرماقچى" دېگەن. ئىلشات ئەپەندى جاڭ چىڭلىنىڭ بۇ سۆزىىنىڭ سياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە جاڭ چىڭلىنىڭ سۆزىنىڭ تامامەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان سىياسىي بەدنام ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ئەزەلدىن بۇيان باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتكە ئىشەنمەيدۇ

تېبەتلەردىن چىققان ئەڭ سادىق كوممۇنىست پىنسوۋەنگې ئەپەندىمۇ يېقىندا خىتاي كوممۇنىست پارتيىسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. تېبەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن 'كوممۇنىزم ئىىقىلابىي گۇرۇپپىسى' قۇرغان، 1951 ‏- يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى تېبەتكە باشلاپ كىرگەن پىنسوۋانگې ئەپەندى خىتايغا خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن 'يەرلىك مىللەتچى' دەپ قالپاق كەيگۈزۈلۈپ تۈرمىگە 18 يىل قاماپ قويۇلغان، تۈرمىدىكى قېيىن-قىستاقتا سۆز قىلالماس بولۇپ قالغان، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن مىنىستىر دەرىجىلىك تورالغۇدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 84 ياشقا كىرگەندە ئاخىر قەلەم بىلەن خەت يېزىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خام خىياللىرىنى ۋە تېبەتتكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پۈتۈنلەي 'بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش' دېگەن يولدا مېڭىپ جان بېقىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ چىققان. ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە خىتايلارنىڭ تارىختىن بۇيان باشقا تىلدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىسپاتلىدى. (ۋەلى)