ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تىبەت ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2007.03.14
3-ئاينىڭ 13- كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوسنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ھازغىرغىچە قانداق نەتىجىلەر ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت توغرىسىدىكى سىياسىتىدىكى ئىككى مەقسەت
يېغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس يېغىن ئىچىش نوتۇقىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە جىددىي قەدەم تاشلىمىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ نۇرغۇن كىشىلەردە، ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تىبەت سىياسىتى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تىبەتنىڭ مىللىي كىمىلىك ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
يېغىنغا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ۋە تىبەت ئىشلىرى مەسئۇلى پاۋلا دوبرىيانسىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقانلىقىغا ۋە بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت توغرىسىدىكى سىياسىتى ئاساسەن ئىككى مەقسەتنى نىشان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەرغىب قىلىش ۋە تىبەتنىڭ ئۆز تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش. 2002- يىلى تام لانتوس ۋە سابىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھېدنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغدىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەقسەت قىلىدىغان، ئامېرىكىنىڭ تىبەت سىياسىتى قانۇنىنى قوبۇل قىلغاندىن بېرى، مەن تىبەت ئىشلىرى مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىبەت سىياسىتى قانۇنىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، جىددىي ئىشلەۋاتىمەن. بۇ ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق دالاي لاما ئۆزىدىن خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەيمەن".
بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتتە جىددى ئىكەنلىكى گۇمان قوزغىماقتا
ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تىبەت ئىشلىرى مەسئۇلى پاۋلا دوبرىيانسكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنىدا قىلغان سۈزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"ھەممىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2002- يىلى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا 20 يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى رەسمىي ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا 5 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەت 2006- يىلى فېۋرال ئېيىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا رەھبەرلىرى شۇنداقلا خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۈندىمەكتە. دەسلەپتە بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ناھايىتى ئۈمىدلەنگەن ئىدۇق. لېكىن يېقىنقى كۈنلەردە بۇ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىۋاتىمىز. ئۆتكەن يىلى سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا قاراتقان سەلبىي تەلەپپۇزىنى كۈچەيتتى. 2006- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا، تىبەت پارتىيە سېكرېتارى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن جاڭ چىڭلى دالاي لامانى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، دالاي لاما تەرىپىدىن تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويولغان ‘ئوتتۇرا يول’ تەكلىپىنى "بۆلگۈنچىلىك" دەپ رەت قىلدى. جاڭ چىڭلى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇنداق سۆزلىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتتە جىددىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇمان قوزغىماقتا"
پاۋلا دوبرىيانسىكىدىن كېيىن سۆز قىلغان دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گەرى، پرېزىدېنت جۇرج بۇش ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسغا، دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىبىنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دالاي لاما دىن پايدىلىنىشى كېرەك
"خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە. دەرۋەقە تىبەت مەسىلىسى باشتىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلى خەلقئارالاشماقتا. جانابى رەئىس، بىز نىڭ تىبەت مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىر ئىختلاپىمىز ناھايىتى كۆپ. لېكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، بۇ سۆھبەتلەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرلىرىنىڭ مەيدانىنى تونۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ياراتتى. نەتىجىدە، ئەگەر ئىككى تەرەپتە سىياسىي ئىرادە مەۋجۇت بولسا، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دالاي لاما دىن پايدىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، تىبەتتىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلار بولسۇن، مۇستەقىلچىلەر بولسۇن، پۈتۈن تىبەتلىكلەر دالاي لامانى ئۆز رەھبىرى دەپ تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدۇ. دېمەك دالاي لاما تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر پۇرسەت. بەزى خىتاي رەھبەرلەر دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن، تىبەتلىكلەر تەلەبلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ دەپ ئويلاۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتىمۇ خەتەرلىك ۋە تار بىر كۆز قاراش. لېكىن، خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي ئىچىدە ئىناق جەمئىيەت يارىتىش ۋە خەلقئارا تىنچلىق بىلەن ئىلگىرىلەش توغرىسىدىكى چاقىرىقى، ئۇنىڭ سېپىدىكى خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئىجابىي بىر پوزىتسىيدە بولۇشى مۇمكىنلىقى توغرىسىدا بەزى بىشارەتلەر بەرمەكتە"
لودى گەرىدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق كېنو چولپىنى ۋە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى رىچارد گېر، خۇ جىنتاۋنى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشقا چاقىردى. ئۇ، دەۋىرنىڭ خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋغا تارىختا ئىسمى ئەسلىنىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خۇ جىنتاۋ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، دۇنيا تارىخىدا ئۈچمەس ئىز قالدۇرالايدۇ، دېدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رىچارد گىپېر ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىدىن تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم تەلەپ قىلدى
- دالاي لاما مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە خىتايغا بارماسلىقى مۇمكىن
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
- ھىندىستاندا ياشايدىغان سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى
- خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتتە تىبەتتە قوللانغان 'شىنجاڭ مودېلى' مىللىي زىددىيەتلەرنى ئۇلغايتماقتا
- دالاي لاما: تىبەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىسە، سۈرگۈندىكى تىبەتلەر يۇرتىغا قايتىدۇ
- بىر قانچە تىبەتلىك خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- ئىككى نەپەر تىبەتلىك ئەمەلدار مەكتەپتە يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۆلدى
- جۇڭگو بىلەن دالاي لاما تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ؟
- تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى خىتاي تىبەت سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى(2)