كانادا ھۆكۈمىتى 18 - مارت كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كانادانىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغان سېربىيە ھۆكۈمىتى، كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى 48 سائەت ئىچىدە قايتۇرۇپ كەتتى. كوسوۋا 17 - فېۋرال كۈنى سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، كانادا ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى دۆلەتكە قارىتا مەيدانىنى بىلدۈرمەي كەلگەنىدى.خەلقئارا جامائەتچىلىك بولسا، كانادا ھۆكۈمىتى كۇئېبەك مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كوسوۋانى ئۆرنەك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىلىنىۋاتىدۇ، دېگەن قاراشتا بولغانىدى.
كۇئېبەك مۇستەقىلچىلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇلار كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.
كوسوۋا دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت بولىدۇ
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخىمە بېرنىئېرنىڭ باياناتىدا: "كانادانىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق دوستلىرى جۈملىدىن سانائەتلەشكەن 7 غەرب دۆلىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.بۈگۈن كانادا بۇ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان دۆلەت كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى،" دېيىلدى.
ئۇ باياناتىدا، كوسوۋانىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بالقان يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە قانلىق ئېتنىك تازىلاشنىڭ تارىخى مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كۆپ مىللەتلىك، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان،دېموكراتىك، سىياسىتى مۇقىم بولغان ۋە ئىقتىسادتا تەرەققى قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ كۇئېبەك مۇستەقىلچىلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېرقىي قىرغىنچىلىق كوسوۋادىن ئىبارەت مۇستەقىل دۆلەتكە ھامىلە بولدى
كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن بۇيان مۇستەقىل دۆلەت كوسوۋانى ئېتىراپ قىلىش ۋە قىلماسلىق مەسىلىسىدە كانادادا جىددىي تالاش - تارتىشلار بولۇپ كەلدى.
كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر كۇئېبەك بىلەن كوسوۋانىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، كوسوۋالىقلارنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "مېنىڭچە كوسوۋانىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئۆزگىچە.كوسوۋا ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. ھۆكۈمىتىمىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يەردىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ رايوننى ۋاكالىتەن باشقۇرغانىدى،" دېدى.
1999 - يىلى كانادا ئامېرىكا،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سېربىيىنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ،كوسوۋا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان قانلىق قىرغىننىڭ ئالدىنى ئالغانىدى.
ستېپھېن ھارپېر سۆزىدە كۇئېبەكلىكلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: "مېنىڭچە، كۇئېبەكلىكلەر مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشقا ۋە بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا قىزىقمايدۇ.ئۇلار قۇدرەتلىك كانادانىڭ تەركىپىدە كۈچلۈك كۇئېبەك قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،" دېدى.
2006 - يىلى ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى كۇئېبەك شىتاتىنى كانادانىڭ تەركىۋىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت،دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى كىشىلەر كانادا ھۆكۈمىتىنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلسا،بۇنىڭ كۇئېبەك ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەت ۋە رايونلار ئۈچۈن ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندىگەنىدى.
خەلقنىڭ ئىرادىسى دۆلەتنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ
كانادا پارلامېنتىدىكى ئۈچ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ بىرى بولغان، كۇئېبەكلىكلەر پارتىيىسى كانادا ھۆكۈمىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانىكەن، ئۇنداقتا كۇئېبەكنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى مەسىلىسىگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك،دېدى. كۇئېبەكلىكلەر پارتىيىسى كۇئېبەك شىتاتىدىمۇ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىدۇر.
كۇئېبەكلىكلەر پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دانىئېل تۇرپ: "ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىسىلا، باشقا دۆلەتلەر ھامىنى بىر كۈنى بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا،فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سېربىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۇئېبەكمۇ مۇستەقىللىق جاكارلىسا، كانادا بۇنىڭغا قارشى تۇرماسلىقى كېرەك. بىز باشقا دۆلەتلەرنى بىر دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشىدىن خەلقنىڭ ئارزۇ ۋە ئىرادىسىنى ئۈستۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز،دېدى.
كانادا پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىنىڭ رەھبىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا كېچىككەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ:"بۇ ئورۇنسىز ئەنسىرەشتىن كېلىپ چىققان كېچىكىش،" دېدى.
دۇسان باتاكوۋىك: كوسوۋانىڭ بۈگۈنى كۇئېبەكنىڭ ئەتىسىدۇر
نوپۇسنىڭ %90 نى ئالبان مىللىتى تەشكىل قىلغان كوسوۋا 1999 - يىلىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سېربىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان ئىدى.
سېربىيىنىڭ كانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇسان باتاكوۋىك كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ دۇنيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: "كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشى - مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتقان كۇئېبەك ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىپلا قالماستىن، دۇنيادىكى مۇستەقىللىق پېشىدە يۈرۈۋاتقان رايونلارنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر قەدەم،" دېدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت 30غا يەتكەن. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغان خىتاي بىلەن، چېچەن ۋە تاتارلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىدىن جىددىي ئەندىشىگە چۈشكەن رۇسىيە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.
كانادادىكى پۇقرالارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۇئېبەك شىتاتىدىكى فرانسۇزلارنىڭ %50 ى نۆۋەتتە بۇ شىتاتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولللايدىكەن. كۇئېبەك شىتاتىدا يەتتە يېرىم مىليون ئاھالە ياشايدۇ. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى فرانسۇزلار تەشكىل قىلىدۇ. كۇئېبەك شىتاتى 1980 - ۋە 1995 - يىللىرى بۇ شىتاتنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغانىدى. 1995 - يىلى ئۇلار %1 گە يەتمىگەن ئاۋاز پەرقى بىلەن فېدېرال دۆلەتنى ياقلىغۇچىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى. (كامىل تۇرسۇن)