خىتاي ساقچىلىرى لخاسادىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى باستۇردى


2007.10.22

تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ بۇتخانا ھېسابلانغان جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىدا ، دالاي لامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەبرىكلەش مۇراسىمى خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ، تىبەتنىڭ لخاسادىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ جېپۇڭ بۇتخانىسىنىڭ مۇرىتلىرى، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ مېدالىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولغاندا ، شۇ جايدىكى ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملار بىلەن توقۇنۇشقان. بۇ ئارىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كۆپلىگەن قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ، بۇتخانىنى قورشىۋالغان .

مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، جېپۇڭ بۇتخانىسىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش پەيشەنبە كۈنى 4 ‏- كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە 3000 نەپەر قوراللىق ساقچى بۇتخانا ئەتراپىنى قامال قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بۇتخانىغا كىرىشىنى ۋە ياكى بۇتخانا ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەزالىرى دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىدىن شاتلىنىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆرپ ‏- ئادىتى بۇيىچە بۇتخانا ئىچىدىكى تاملارنى ئاقارتىپ بېزەشكە كىرىشكەندە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

لخاسا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرى قوراللىق ساقچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن

خىتاينىڭ تىبەت ھۆكۈمىتى، بۇ تۈپەيلى تىبەت مۇرىتلىرىنىڭ لخاسا شەھىرىگە كىرىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى تۇرغۇزغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىدا 1100 دىن كۆپ تىبەت مۇخلىسى بىلەن مەزكۈر ئىبادەتخانىنى تاۋاب قىلغىلى كەلگەن 10 تىبەتلىك سىرتقا چىقالماي سولىنىپ قالغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن لىخاسادىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ئەمما قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.

چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، لخاسادا يۈز بەرگەن توقۇنۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى، لېكىن ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى، باستۇرۇش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ مۇرىتلارغا قوللانغان ۋاستىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قولغا كەلمىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى لخاسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋە ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفۇن قىلىپ ۋەقەلىك ئۈستىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى"لخاسادا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرگىنى يوق"دەپ، ساقچىلارنىڭ تىبەت مۇخلىسلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇندى.

تىبەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن خىتاي رەسسام ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى

ئىلگىرى كۆپ قېتىم تىبەتكە بارغان ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيان تىبەت ئىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن، ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي رەسسام ما جەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر تىبەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەگە ھەيران قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

" مېنىڭچە ، بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە تامامەن ئىشىنىشكە بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغىنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاستىسى دائىم بىر خىل بولىدۇ. ئەگەر دالاي لاما مۇكاپاتقا ئېرىشسە، لخاسادا چوقۇم چارلاش ئېلىپ بېرىلىپ، لاما مۇرىتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى كونترول قىلىنىدۇ. دالاي لامانىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى يالغۇز بۇ قېتىملا ئەمەس، ئىلگىرى مۇكاپاتلانسا ياكى دۆلەتلەر ئارا زىيارەتتە بولسا ، تىبەت ئىبادەتخانىلىرى جىددىيلىشىپ كېتەتتى."

بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە لخاسانىڭ غەربىدىكى شەھەرگە كىرىدىغان يوللار قامال قىلىنغاندىن سىرت، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلغان شۇنىڭدەك لخاسا شەھىرىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىبادەتخانا زۇكلاككاڭنىڭ دەرۋازىسىغا قارىتىپ، كۆزىتىش ئاپاراتى ئورنىتىلغان. بۇ ئاپارات مەخسۇس ئىبادەتخانا ئەتراپى ۋە ئىبادەتخانا يېنىدىكى مەيداندا يۈرگەن ئادەملەرنى كۈزىتىدىكەن.

ما جەن سۆزىدە" : خىتاي ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىشنى قانچە كۈچەيتسىمۇ، تاشقى دۇنياغا بىلىندۈرمەي خەلقنىڭ نارازىلىقنى باستۇرۇش ھىيلىسى ئىشلەتسىمۇ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت شۇ ھامان سىرتقا تارقىلىپ كېتىدۇ" دېدى.

" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئاستىدا، كوچىلاردا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھۆكۈمەت بۇتخانا ئىچىدە دالاي لاما ئۈچۈن مۇراسىم ئېلىپ بېرىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ھۆكۈمەت بۇتخانا ئىچىدە دالاينى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقارمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر بۇتخانىدا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغان ، ئۇلار بۇتخانا پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يۇقىرىغا دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ قېتىم دالاي لامانى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالدىنئالا ھەرىكەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

جېپۇڭ ئىبادەتخانىسى لخاسانىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، تىبەتتىكى ئەڭ مۇھىم بۇدخانىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1960 ‏- يىلىدىن بۇرۇن مەزكۈر ئىبادەتخانا تىبەتتىكى ئەڭ چوڭ بۇددىست مۇرىتلىرىنى يېتىشتۇرىدىغان مەكتەپ بولۇش رولىنى ئوينىغان . جېپۇڭ ئىبادەتخانىسىنى تاۋاب قىلغان ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ مۇخلىسلىرى نۇرغۇن قېتىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جېپۇڭ بۇدخانىسىغا ئالاھىدە دىققەت نەزىرىنى تىكىپ كەلمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.