تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى


2008.03.11

11 ‏- مارت كۈنى، نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر قوللىرىدا تىبەتنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتىرىپ، نيۇيوركنىڭ شەھەر مەركىزىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسىغىچە بولغان ئارىلىقتا پىيادە يۈرۈپ، شۇئار توۋلاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، پۈتۈن يەر شارى مىقياسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە تارتىشتىن ئىبارەت، بولۇپمۇ ھەرقايسى دۆلەت ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، ئەگەر خىتاي تىبەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش ياسىمىسا، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

"خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەنىلا ياخشىلىغىنى يوق"

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى، نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى قوزغىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان زىرېن بادەن " ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن خىتاي، ئولىمپىكنى سىياسىي قورال قىلىۋالدى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەنىلا ياخشىلىغىنى يوق،" دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ " خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ۋە تىبەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا كاپالەت بەرگەن ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكتە، بولۇپمۇ تىبەتكە قارىتا سىياسىتىنى ئالاھىدە دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە، شۇڭا مەن نيۇيوركتا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بارلىق تىبەتلەرنىڭ ۋە تىبەتلەرنى قوللىغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەسىلەن، نۆۋەتتە گرېتسىيىدە تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىبەت مۇستەقىللىغى ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك ئۇزۇن سەپەرگە يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاي چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتۈش ۋە تىبەتكە كىرىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى، دېمەك تىبەتلەر بۇ خىل ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ."

ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش

نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نارازىلىق پائالىيىتىگە سىرتتىن كېلىپ قاتناشقان بىر خانىم، پات ئارىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ، خىتايغا بولغان نارازىلىقنى قانغۇچە ئىپادىلەيدىغان ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن تىبەت ئەنگىلىيە ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى، نيۇيوركتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسلىق تەشكىلاتلاردىن يەنە بىرى بولۇپ، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى باۋمايۆگو مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭچە، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز چوقۇم بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقى مۇشۇ پەيتتە، مەن ئانا دىيارىمدا تۇغۇلۇشقا مۇيەسسەر بولالماي، سۈرگۈندە تۇغۇلدۇم، سۈرگۈندە چوڭ بولدۇم، مەن ھاياتىمدا بۇنداق چوڭ بىر پۇرسەتكە ئېرىشىپ باقمىدىم، بېيجىڭ ئولىمپىكى مېنىڭ ھاياتىمدىكى خىتاي بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭ چوڭ جەڭگاھ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىبەت داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچرىسا، تىبەت تۇپرىقى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىنسا، ئەلۋەتتە خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە شان - شەرەپكە ئېرىشىش ئەمەس بەلكى يەر بىلەن يەكسان بولۇشى كېرەك."

دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى بىرىنچى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەتنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈش بىلەن تەڭ، تىبەتنىڭ ئىچىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە ۋە بۇ ھەپتە يۈزلىگەن تىبەت پۇقراسى " تىبەت مۈستەقىللىقى" ۋە " دالاي لاما ياشىسۇن" دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ" :دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەت قىلىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە قانۇن بۇيىچە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ ۋە بارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىدۇ " دېدى.

تىبەت ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى زىيىجاھمۇ، خىتاينىڭ تىبەت ئىچىدە يۈز بېرىدىغان قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى يەنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نامايىش قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكلىرىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قانۇنسىز پائالىيەت دېگەن قالپاق بىلەن باستۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ئالدىن يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.