مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزمەكچى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر بۇ يىل 5 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن 25 ‏- كۈنىگىچە ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە تىبەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدا تىبەتلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىكى مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، يول يۈرۈش (تىبەتچە مارافون)، يېنىك ئاتلىتكا قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى بۇيىچە مۇسابىقە بولىدىكەن.

تىبەت ئولىمپىك مەشئىلى تەيبېي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى

تەيۋەندە چىقىدىغان 'تەيبېي خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى يېقىلغان تىبەت ئولىمپىك مەشئىلى، ئۆزىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تەبرىكلەنگەندىن كېيىن، بۈگۈن 2 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى رەت قىلغان تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشئەل ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا، تىبەت گۈزىلى چۇنتاك خانىم سۆز قىلغان. بۇ خانىم بۇنىڭدىن بۇرۇن مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل تاللاش مۇسابىقىسىدا 'جۇڭگو تىبەت' دېگەن بەلگىنى بوينىغا ئېسىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش لاياقىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ئىدى. چۇنتاك خانىم تەيبېيدىكى مەشئەل ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە' تىبەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ساپ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، بۇ سىياسىي مۇسابىقە ئەمەس، بۇ ئولىمپىك روھى. بىز تىبەت ياشلىرى بۇنداق ئولىمپىكنى تەنتەنە قىلىمىز' دېگەن.

"بىز تەيۋەنلىكلەرمۇ 'جۇڭگو' دېگەن بەلگىنى بوينىمىزغا ئاسمايمىز"

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تەيۋەن-تىبەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى لى جىېمېي بۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە 'تىبەت تەيۋەننىڭ دوستى. بىز تەيۋەنلىكلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش 'جۇڭگو' دېگەن بەلگىنى بوينىمىزغا ئاسمايمىز. بىز تىبەت ئولىمپىك مەشئىلىنى، تىبەت روھىنى قارشى ئالىمىز' دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ئولىمپىك مەشئىلى ئەمدى تەيبېيدىن كېيىن، ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە توختايدۇ. ھازىرغا قەدەر، تېبەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەردىن 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلىنىپ بولغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ياشلىرى ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر خىل ھەرىكەت قانات يايماقتا. تىبەت ياشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يېقىندا ھىندىستاننىڭ دارامسالا تاغلىق شەھىرىدىن ئاتلىنىپ، ھىمالايا تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تىبەتكە قايتىش ئۈچۈن 6 ئايلىق ئۇزۇن سەپەر باشلايدىكەن.

"ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھازىر بىر چوڭ دۆلەت سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ"

ھازىر ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان تېنزىن بۇندۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 'سىلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتامسىلەر؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

‏- ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھازىر بىر چوڭ دۆلەت سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ‏-‏ دەپ بايانىنى باشلىدى تېنزۇن بۇندو ئەپەندى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چوڭ دۆلەت ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر ساپ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتىدۇ، 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى' دېگەن بۇ چوڭ دۆلەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئادالەتسىزلىكنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇ دۆلەت ھازىر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 'بىر جۇڭگو' دېگەن نام ئاستىدا ئۆزى مۇستەملىكە قىلىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، مانجۇرىيە قاتارلىق ئەللەردە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەللەرنىڭ نورمال مىللىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى 'جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەن نام ئاستىدا چەكلەۋاتىدۇ.

ھازىر بېيجىڭنىڭ 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خۇددى گىتلېرنىڭ 1936 ‏- يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئوخشاپ قالدى. گېتلېر فاشىزمىنىڭ شۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەندۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكا بىر نەچچە يىلدىن كېيىن (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا) ئاندىن چۈشەنگەن ئىدى. ھازىر خۇ جىنتاۋ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە گېتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسنى تەقلىت قىلىۋاتىدۇ.

تېنزىن بۇندۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ‏‏ھىندىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تېبەت يازغۇچىسى. ئۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى خۇ جىنتاۋنىڭ خىيانەتچى، ئەخلاقسىز كوممۇنىست گۇرۇھى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان ئەللەرنىڭ ۋە جۇڭگو ئىشچى، دېھقانلىرى ئۈچۈن ھېسداشلىق قىلغۇچى دەپ قارايدۇ. (ۋەلى)